مۇھىم خەۋەرلەر

پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوبزورى: ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈگىتىش لازىم

2024.01.17 00:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «خېنەن ئۆلكىسى شىنياڭ شەھىرى شىشيەن ناھىيەسى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەشتە قاتلاممۇقاتلام بېسىم ئاشۇرۇش، تەكشۈرۈش، باھالاش زىيادە كۆپ بولۇش، <يۈز-ئابرۇي قۇرۇلۇشى> قىلىش قاتارلىق مەسىلىلىرى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى جاڭ گۇەنجۈننىڭ قالايمىقان قىلىش، ساختا قىلىش، <ئوبراز قۇرۇلۇشى> <نەتىجە قۇرۇلۇشى> قىلىش مەسىلىسى»، «جياڭشى ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، نازىر لى شياۋباۋنىڭ نەتىجە قارىشى بۇرمىلىنىش، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىش، قاتلاممۇقاتلام بېسىم ئاشۇرۇش، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ نىشان بېكىتىش مەسىلىسى».... يېقىندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئالتە قېتىملىق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق تىپىك مەسىلىسىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى، ناھىيە يولى قاتارلىق ئاساسلىق غول يوللارنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ياۋا دەل-دەرەخ، ياۋا ئوت-چۆپلەرنىڭ ئېڭىز ئېگىزلىكى 10 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇشنى تەلەپ قىلىشتىن، تاشيول بويىدىكى مەلۇم كەنتتىكى 12 ئائىلىنىڭ ئۆيلىرىنىڭ تېمىنى «ئاق رەڭدە سۇۋاش»، «كۆك كاھىش چاپلاش»قىچە، ئاندىن «يوقلىمىدىن ئۆتۈش»، «ئويۇن قويۇش شەكلىدىكى» تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، بەزىدە بىر كۈندە 10 نەچچە نۇقتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقىچە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئاشكارىلىغان ئالتە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق تىپىك مەسىلىسىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلغاندا، ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ كېتىش دەل مەسىلە پەيدا بولۇشنىڭ تۈگۈنى.

  ئەمەلىيەتكە ئېتىبارسىز قاراش، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماسلىق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى رەھبىرىي كادىرلار ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خام خىيال قىلىدۇ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلىمەيدۇ، تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق خىزمەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قويغان تەلىپىنى تەبىئىي ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولمايدۇ، تۆۋەندىكىلەرمۇ شەكىلۋازلىق بىلەن شەكىلۋازلىققا تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ؛ بەزى كادىرلار ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئالدىراپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولغان-بولمىغانلىقىغا پۈتۈنلەي سەل قاراپ، قاراملىق قىلىپ، نەتىجىدە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ھەرقانداق ئىشتا ئەمەلىيەتتىن ئايرىلسا، پارتىيەلىك كادىرلار ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي پىكىر قىلىش ئۇسۇلى، خىزمەت ئۇسۇلى، رەھبەرلىك ئۇسۇلىدىن ۋاز كەچسە، خىزمەتتە چەتنەپ كېتىدۇ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق پەيدا بولىدۇ.

  شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ «ئەڭگۈشتىرى» دەل ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەدبىر، ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقىدا ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈمىگە قاراش كېرەك. ئىشخانىدىن چىقىپ بىرىنچى سەپكە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ يېنىغا بېرىپ، راست گەپنى ئاڭلاپ، مەسىلىنى تېپىپ، مەسىلە ۋە زىددىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ ئۇسۇل تېپىپ، جاۋابقا ئېرىشكەندىلا، كادىرلار چىقارغان تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلار ئەمەلىيەتكە يېقىنلىشىپ، ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەبىئىيلا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ