مۇھىم خەۋەرلەر

ئالتاي ۋىلايىتى 10 مىليون يۈەن جىددىي قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئاجراتتى

2024.01.16 14:06 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا بۇرچىن، قابا ناھىيەلىرىدە ئۇدا قار ياغقانلىقتىن، تاغلىق رايوننىڭ كۆپ جايلىرىدا قار كۆچۈش ئاپىتى يۈز بېرىپ، قاتناش ئۈزۈلۈپ قالغان. ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە تېزدىن كۆپ تارماقلارنى تەشكىللەپ بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، قار تازىلاش، قاتناشقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، 1- ئاينىڭ 15- كۈنى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 10 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، قار كۆچكۈنى يۈز بەرگەن يول بۆلەكلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلەتتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ