مۇھىم خەۋەرلەر

ناۋرۇ ھۆكۈمىتى تەيۋەن بىلەن بولغان ئاتالمىش «دىپلوماتىك مۇناسىۋەت»نى ئۈزگەنلىكىنى، جۇڭگو بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى، جۇڭگو بۇنى ئالقىشلايدۇ ۋە قارشى ئالىدۇ

2024.01.16 14:04 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 15-يانۋار رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: ناۋرۇ ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى، تەيۋەن دائىرىلىرى بىلەن بولغان ئاتالمىش «دىپلوماتىك مۇناسىۋەت»نى ئۈزگەنلىكىنى، جۇڭگو بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  ماۋ نىڭ: ناۋرۇ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، تەيۋەن دائىرىلىرى بىلەن ئاتالمىش دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالىدى، جۇڭگو ناۋرۇ ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى ئالقىشلايدۇ ۋە قارشى ئالىدۇ.

  دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت. بۇ ب د ت يىغىنىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا، جۇڭگو پۈتۈن دۇنيادىكى 182 دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. ناۋرۇ ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلىشى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنىڭ كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  جۇڭگو ناۋرۇ بىلەن بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ