مۇھىم خەۋەرلەر

شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك

2023.12.27 22:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى نۇقتىلىق تۈزىتىش تەكىتلەندى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئىككىنچى ئومۇمىي يىغىنىدا كونكېرت ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلدى. يېقىندا ئېچىلغان مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىش» يەنە بىر قېتىم ئېنىق تەلەپ قىلىندى. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى چوڭ دۈشمەن، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزىتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە قىلىپ، قاراتمىلىق تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئىلمىي، دەل جايىدا نىشانلىق تۈزەپ، ھەقىقىي تۇتۇش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كۈتىسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىنى ساقلاپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نىشانلىق كۈچەپ سىجىل تۈزىتىش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشتە قايسى مەسىلە گەۋدىلىك بولسا، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قايسى مەسىلىگە بولغان ئىنكاسى كۈچلۈك بولسا شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق تۈزەش كېرەك. ھەم كونا مەسىلىلەرنى تۈپتىن تۈگىتىش ھەم يېڭى ئۆزگەرگەن تۈرلەر، يېڭى ھادىسىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن، بەزى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ، قارىغۇلارچە قاراملىق بىلەن ئىشلەپ، «تەشتەك مەنزىرىسى بەرپا قىلىش»قا بېرىلىپ كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان بولسىمۇ، بۇ ئاخىرى «زور مەغلۇبىيەت»كە ئايلاندى؛ بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى تۈرلۈك قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال، سالونلاردا يوقلىمىدىن ئۆتۈپ «ئىز قالدۇرىدۇ»؛ ھەر خىل مۇنبەرلەر بەك كۆپ، ھەم پۇلنى ھەم ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدۇ، ۋەھاكازالار. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئوخشاشمىغان رايون، ئوخشاشمىغان ساھە، ئوخشاشمىغان قاتلام-دەرىجىدىكى ئوخشاشمىغان ئىپادىسىنى ئىگىلەپ، بىخ ھالىتىدىكى خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى بالدۇر ئەسكەرتىپ، بالدۇر تۈزىتىپ، بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، تىپىك دېلولارنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈش شەكىللەندۈرۈپ، «جازالاش» سالمىقىنى ساقلاش، «قاتتىق» كەيپىياتنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  يۇقىرى-تۆۋەننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزىتىپ، مەسىلىنىڭ ھەقىقىي تۈزىتىلىشى، ئەمەلىي تۈزىتىلىشى، جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسى كۆپ ھاللاردا «ئاساسىي قاتلامدا ئىپادىلىنىدۇ، يىلتىزى يۇقىرى» بولىدۇ. تۈزەشتە چوقۇم يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، قايسى دەرىجە بويىچە تۈزەشكە تېگىشلىك بولسا شۇ دەرىجە بويىچە تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار دائىم ئاساسىي قاتلامغا، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، راست گەپنى ئاڭلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئىگىلەپ، سىياسەتنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن-ئۆزگەرمىگەنلىكى، شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى ۋاقتىدا بايقاپ، مەسىلە كۆرۈلگەندە ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىپ، بىيۇروكراتلىقنىڭ شەكىلۋازلىققا تۈرتكە بولۇشى، شەكىلۋازلىق ئارقىلىق شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى بىلەن نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش، تور-ئۇچۇر قاتارلىق ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ ھەمكارلىشىشى، ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئەھۋالنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، تەدبىرلەرنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشقا ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەش كېرەك. دېلو ئارقىلىق تۈزەش، ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېلوغا چېتىشلىق رايون ۋە ئورۇنلارنىڭ تۈگۈننى تېپىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يوچۇقلارنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئېتىپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ