ۋاڭ خۇنىڭ يۈننەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مىللەتلەر، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2023.12.22 01:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 12-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە يۈننەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىللەتلەر، دىن خىزمىتى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە جەزمەن ياخشى ئىشلەشكە تېگىشلىك مۇھىم، زور خىزمەت، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مىللەتلەر، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۈننەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مىللەت، دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرگەچكە مىللەت، دىن ساھەسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىناق، مۇقىم بولدى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى نەزەرىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تىرىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى چىڭ قائىدە قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى بېكىتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، ۋاڭ خۇنىڭ كۇنمىڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە يۈننەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلارنى يوقلىدى.

  شى تەيفېڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ