جاۋ لېجى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك

2023.12.26 10:13 مەنبە: خەلق تورى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيە ئالماشتۇرۇش يىغىنى 24-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، پۈتۈنلەي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى مۇستەھكەملەپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭنى يادرو قىلغان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن بوشاشماي پايدىلىنىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ دۇنيا قارىشى، مېتودولوگىيەسىنى پۇختا ئىگىلەپ، بۇنىڭ ئىچىگە سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، كۆز قاراش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋر خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش» يۈكسەكلىكىدىن خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى ۋە ئەۋزەللىك ئۈنۈمىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى دەۋر يېڭى مۇساپىسىدە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركىسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بەرپا قىلغان يېڭى سىياسىي تۈزۈم بولۇپ، ئىلغار سىياسىي ئىدىيە، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، چوڭقۇر مەدەنىيەت مەزمۇنىغا ئىگە. قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇ تۈپ سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللىشىشى، ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تۈزەش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئېلىمىزنىڭ پۈتكۈل جەريانىدىكى خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغىچە ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە نازارەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئىلمىي، مۇكەممەل، نوپۇزلۇق بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. « تۆت ئورگان»نىڭ ئورنى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇشتا بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭنى يادرو قىلغان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمىنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار يۈكلىگەن تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ