ۋاڭ خۇنىڭ يۈننەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مىللەت، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

2023.12.21 09:32 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 12-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە يۈننەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: مىللەت، دىن خىزمىتى پارتىيە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە جەزمەن ياخشى ئىشلەشكە تېگىشلىك مۇھىم خىزمەت، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مىللەت، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دىنلارنىڭ رايىشلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى شۇاڭبەننا ۋە يۈشىدا، ۋاڭ خۇنىڭ جىڭخۇڭ شەھىرى مەنجىڭخەن ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، يۈننەن بۇددا دىنى شۆيۈەنى شىشۇاڭبەننا شۆبىسى، شىشۇاڭبەننا باش بۇتخانىسى، شىشۇاڭبەننا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش باش تېما تەربىيەسى سارىيى ۋە ئالاقىدار كارخانىلارغا بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىن خىزمىتى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. ۋاڭ خۇنىڭ كۈنمىڭدا شىشەن رايونى بەيساۋ كەنتى، يۈننەن ئۆلكىلىك مۇزېي، ديەنچى كۆلى باۋفېڭ نەم يېرىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يۈننەندىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئۇزاقتىن بۇيان ئارىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇپ كەلدى، توغرا جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: يۈننەننىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مىللەت – دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى بىلەن مىللەت – دىن ساھەسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىناق، مۇقىم بولۇپ كەلدى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى نەزەرىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تىرىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە رايون بەرپا قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلى قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.ۋاڭ خۇنىڭ يەنە كۈنمىڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە يۈننەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش ئورگان كادىرلىرىنى يوقلىدى.شى تەيفېڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ