«شى جىنپىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> توغرىسىدا (2023 - يىل نەشرى)» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2023.12.25 09:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> توغرىسىدا (2023 - يىل نەشرى)» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  بۇ مەخسۇس تېمىلىق ئەسەرلەر توپلىمىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2013 - يىلى 9 - ئايدىن 2023 - يىلى 11 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى 78 پارچە مۇھىم ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن، نەتىجىسى ۋە پۇرسەت دۇنياغا مەنسۇپ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا ئىنتىلىشتەك ئورتاق ئارزۇسىنى چىڭ كۆزلەپ، دۇنيانى شەرقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە تولغان ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك، مەدەنىيەت، جەمئىيەت تۈزۈمى، تەرەققىيات باسقۇچىدىكى پەرقلەردىن ھالقىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە يېڭى يولىنى ئېچىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى رامكىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى مۇجەسسەملەپ، كەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن يەرشارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلات ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلىنىپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، جۇڭگونىڭ ئوچۇق تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ يېڭى مەنزىل ئاچتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇردى، دەۋرنىڭ ئالغا بېسىش لوگىكىسىغا ئۇيغۇن بولدى، ماڭغىنى جاھاندىكى توغرا يول. يولداش شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، نىشانى، يولى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر بايان قىلدى، بۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان دۇنيا بەرپا قىلىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ