لى چياڭ «گوۋۇيۈەننىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى>گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئېلان قىلىش ھەققىدىكى گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى

2023.12.22 09:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا «گوۋۇيۈەننىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى>گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئېلان قىلىش ھەققىدىكى گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى، بۇ قارار 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «قارار» دا ئاساسلىقى پاتېنت قانۇنىنى يولغا قويۇشنىڭ تەپسىلىي قائىدىسىگە تۆۋەندىكى جەھەتلەردىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. بىرىنچى، پاتېنت ئىلتىماس قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ پاتېنت ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىش. ئالدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئالاقىدار تۈزۈملەر تەپسىلىيلەشتۈرۈلۈپ، قىسمەن تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى پاتېنتى ئىلتىماس قىلىش ھۆججىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئىككىنچى، پاتېنت تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاتېنت تەكشۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش. تۈرلۈك پاتېنت ئىلتىماسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ھەقىقىي كەشپىيات، ئىجادىيەت پائالىيىتىنى ئاساس قىلىش، ساختىپەزلىك قىلماسلىق بەلگىلەندى. ئۈچىنچى، پاتېنتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، پاتېنت ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە مۇرەسسە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش. تۆتىنچى، پاتېنت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، پاتېنت يارىتىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. پاتېنت ئىلتىماس ھۆججىتىنىڭ شەكىل تەلىپى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتىنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلدى. بەشىنچى، تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى خەلقئارا ئىلتىماس ئالاھىدە بەلگىلىمىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، ئالدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى تەلىپى قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەت ئىچىدىكى تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى پاتېنتى ئىلتىماس قىلىش تۈزۈمى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە چىقىرىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ