«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 ـ تومىنىڭ بېلارۇسىيە يېزىقى نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ھەم جۇڭگو ـ بېلارۇسىيە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش مۇھاكىمە يىغىنى مىنسكتا ئۆتكۈزۈلدى

2023.12.22 09:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 ـ تومىنىڭ بېلارۇسىيە يېزىقى نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ھەم جۇڭگو ـ بېلارۇسىيە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش مۇھاكىمە يىغىنى يېقىندا بېلارۇسىيە پايتەختى مىنسكتا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى، تاراتقۇلار، ئاقىللار ئامبىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بولۇپ 500دىن ئارتۇق كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار مۇنداق قارىدى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى چۈشىنىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئوقۇپ چۈشىنىشتىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇشلۇق. بۇ ئەسەردىن شۇنى ھېس قىلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتەك قىممەت يۈزلىنىشى، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك مەدەنىيلىك مەزمۇنى ھەمدە ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتەك دۇنياۋى مۇھەببەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى، دۆلەت گۈللەپ ياشنىدى. جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى بېلارۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان، ئۆزگىرىۋاتقان دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق بېغىشلايدۇ. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى مۇجەسسەملەيدىغان ئۇلۇغ ئىش بولۇپ، ئۇنىڭغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدۇ.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 ـ تومىنىڭ بېلارۇسىيە يېزىقى نۇسخىسىنى چەت ئەل تىل ـ يېزىقى نەشرىياتى بىلەن بېلارۇسىيە ئەدەبىيات ـ سەنئەت نەشرىياتى بىرلىكتە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلغان. يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار مۇنداق بىلدۈردى: بۇ، جۇڭگو ـ بېلارۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش جەھەتتىكى مۇھىم نەتىجىسى، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو ـ بېلارۇسىيە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالماشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىل ـ يېزىقى نەشرىيات ـ تارقىتىش ئىدارىسى، جۇڭگونىڭ بېلارۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، چەت ئەل تىل ـ يېزىقى نەشرىياتى، بېلارۇسىيە ئەدەبىيات ـ سەنئەت نەشرىياتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

  تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى بىرلىكتە «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 ـ تومىنىڭ بېلارۇسىيە يېزىقىدىكى يېڭى كىتابنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى، جۇڭگو تەرەپ بېلارۇسىيە تەرەپكە يېڭى كىتابنى سوۋغا قىلدى. تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇھاكىمە قىلدى. ھازىرغا قەدەر، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 ـ تومى 40 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ