مۇھىم خەۋەرلەر

خەلق تورىنىڭ «يانفوندىكى شەكىلۋازلىق» توغرىسىدىكى ئۈچ پارچە ئوبزورى: «يانفون بۇزۇلۇپ قالايلا دەپ قالدى»①

2023.12.27 22:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئۈندىدار توپلىرىغا بىرمۇبىر قاراپ چىقىمىز، بىرەرمۇ مەسىلە ھەل قىلىنمايدۇ»، «ھەربىر تارماقنىڭ ئەپ دېتالى بار، بىر-بىرلەپ يوقلىما قىلىنىدۇ، يانفون بۇزۇلۇپ قالايلا دەپ قالدى»، «توردا باھالاشتىكى رەت تەرتىپىنى قوغلىشىپ كادىرلاردىن توپ-توپ بېلەت تاشلاش، يۈرەك بېرىش، تارقىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ»... رەقەملىك دەۋردە، يانفوندىكى بەزى ئىشلار ئاساسىي قاتلامغا ئورۇنسىز يۈك بولۇپ، يېڭى شەكىلۋازلىق كەيپىياتى پايدا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا قاتتىق جاپا سالدى.

  ئومۇمەن ئېيتقاندا، «يانفوندىكى شەكىلۋازلىق»نىڭ بىر قانچە تۈرلۈك گەۋدىلىك ئىپادىسى بار: بىرىنچى، قالايمىقان سۇپا قۇرۇش، يەنى ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا قوللىنىشچان پىروگراممىنى تەكرار قۇرۇش، ئىقتىدارى گىرەلىشىپ كېتىش، ئىشلىتىش قېتىم سانى تۆۋەن بولۇش، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولماسلىق؛ ئىككىنچى، ئارتۇقچە ئىقتىدار كۆپ بولۇش، يەنى زۆرۈر بولغان مەمۇرىي ئىشلاردىن باشقا يەنە ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان يوقلىمىدىن ئۆتۈش، جەملىمە نومۇر رەت تەرتىپى، توردىكى ۋاقتى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى تەسىس قىلىش؛ ئۈچىنچى، ئىشلىتىشكە مەجبۇرلاش، مەجبۇرىي چۈشۈرۈش، كېڭەيتىش، قەرەللىك تىزىملىتىپ كىرىش، توردا ئىز قالدۇرۇشنى باھالاپ سېلىشتۇرۇپ باھالاشنىڭ ئاساسى قىلىش؛ تۆتىنچى، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، ئامما ئىشلىتىشنى بىلمەسلىك، ئىشلىتىش تەس بولۇش، ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرگە «بەلگىلەپ قويغان جاۋاب قايتۇرۇش»... قارىماققا يېڭىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە كونا مەسىلىلەر بولۇپ، ماھىيىتى يەنىلا شەكىلۋازلىققا «كۆرۈنمەس كىيىم» كىيدۈرۈش، «قوناقلىققا يوشۇرۇپ قويۇش» بولۇپ، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، رەقەملەشتۈرۈپ ئېنېرگىيە بېرىش يۈك ئارتىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.

  توردا «تاپشۇرۇۋالدىم» دېگەننى ئەمەلىيەتتە «تاماملىدىم» دېگەننىڭ ئورنىغا دەسسەتكەندە، خىزمەت ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش تەس بولىدۇ. ئېكراندىكى ئىزلار ئەمەلىي نەتىجىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. چەكلىك خىزمەت ۋاقتىنى يانفونغا سەرپ قىلىپ، ھەر ۋاقىت يانفونغا تىكىلىپ قاراپ، ئۇقتۇرۇشلارنى كۆرمەي قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ھەر كۈنى يوقلىمىدىن ئۆتۈش، تارقىتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، تەنقىدلىنىشتىن ساقلىنىپ، كۆپ تەرەپكە جەدۋەل يوللاپ، قەغەز يۈزىدە نەتىجە توپلىغاندا، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ توردا قۇرۇق ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، «يانفوندىكى قولايلىق»لار «يانفوندىكى يۈك»كە ئايلىنىپ قالىدۇ. كىچىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەمۇرىي بايلىقنى ئىسراپ قىلىپ، خىزمەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چارچىتىپ قويىدۇ؛ چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا، سىياسەت، فاڭجېننىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈنۈمىنى چەكلەپ قويىدۇ.

  «يانفون ئېكرانىدا كۆرۈشۈش»نى «يۈزتۇرا كۆرۈشۈش»نىڭ ئورنىغا دەسسەتكەندە، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش تەس بولىدۇ. پارتىيەلىك كادىرلار خەلق ئاممىسىنىڭ «ئىش بېجىرگۈچىسى». رەقەملىك مەمۇرىيەتنىڭ ياخشى بولۇش-بولماسلىقىغا باھا بېرىشتە، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ئاممىنىڭ رازى بولۇش-بولماسلىقىغا قاراش كېرەك. توردا «كۆزنى ئالىچەكمەن قىلىدىغان ۋەزىپىلەر»نى ھەر قانچە كۆپ ئورۇنداش ئاممىغا بىرەر ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەنگە يەتمەيدۇ؛ يوقلىمىدىن ئۆتۈپ سۈرەتكە تارتىش قانچە كۆپ بولسىمۇ بۇ ئاممىنىڭ جىددىي، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغانغا باراۋەر ئەمەس. ئەگەر كادىرلار تور تەرىپىدىن چۈشەپ قويۇلغان «تور كادىرى»غا ئايلىنىپ، ئۇزاق مۇددەت «توپتا ۋارقىراش»نى «نەق مەيداندا قاتراش»نىڭ ئورنىغا دەسسەتسە، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىگە بىۋاسىتە خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىنى ئىشەنچىدىن، مەركەزدىن، ئەخلاقتىن قاچۇرىدۇ.

  شەكىلۋازلىقنى تۈزەش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، ناتوغرا ئىستىل، ناچار كەيپىياتنى توسۇپ، كەڭ كادىرلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا تېخىمۇ كۆپ كۈچەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ