مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي قۇتقۇزۇپ، ياردەم بېرىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش

2023.12.26 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  12-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 23دىن 59مىنۇت ئۆتكەندە، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنشيا ئوبلاستى جىشىشەن ناھىيەسىدە 6.2 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش-قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، يارىلانغانلارنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ ۋە داۋالاپ، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك»، «ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش»، «ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.گوۋۇيۈەن خىزمەت گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گەنسۇ، چىڭخەيدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلارغا بېرىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى؛ گەنسۇ، چىڭخەيدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ ھەمدە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى جىددىي، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆپ تارماق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، ئادەم قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى

  ھاياتلىق تەيشەن تېغىدىنمۇ قىممەتلىك، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشتە مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ئادەم قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن تارماقلار جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى دەرھال قوزغىتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، جىددىي كۈچ تەشكىللەپ ئاپەت رايونىغا بېرىپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى دۆلەتنىڭ يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى 2-دەرىجىگە، دۆلەت ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى دۆلەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى 2-دەرىجىگە كۆتۈردى. دۆلەت ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى دۆلەت ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە، ئالدىنقى باسقۇچتا گەنسۇدىكى ئاپەت رايونىغا مەركەزنىڭ 90 مىڭ دانە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسىنى يۆتكەش ئاساسىدا، گەنسۇغا 3-تۈركۈمدە مەركەزنىڭ 22 مىڭ دانە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسىنى كۆپەيتتى. 12 -ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 17گىچە، گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىلىرىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا مەركەزنىڭ 133 مىڭ 500 دانە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسى يۆتكەلدى. 12-ئاينىڭ 19-كۈنى، مالىيە مىنىستىرلىقى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىلىرىگە مەركەزنىڭ تەبىئىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 200 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، يەرلىكنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

  ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىش دېمەكتۇر. قەيەردە ئاپەت ئەھۋالى خەتەرلىك بولسا، شۇ يەرگە ئاتلىنىش، قەيەردە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما بولسا، شۇ يەرگە يىغىلىش كېرەك. ھەرقايسى كەسپىي كۈچلەر ئېگىزلىك، قاتتىق سوغۇق بولۇش قاتارلىق پايدىسىز شارائىتلارنى تىرىشىپ يېڭىپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدىدى، زىيانغا ئۇچرىغان ھەرقانداق بىر ئۆينى تەكشۈرۈپ قۇتقۇزۇشنى، خارابىلىك ئاستىدىكى ھەربىر ھاياتلىق ئالامەتلىرىنى بوش قويۇۋەتمىدى.

  جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ھەمتۈرتكە مېخانىزمى، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى ماسلاشتۇرۇش ھەمتۈرتكە مېخانىزمى ۋە ئاۋىياتسىيە ئارقىلىق قۇتقۇزۇشنى ماسلاشتۇرۇش ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى جىددىي يولغا قويۇپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىشكە تېزدىن بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇردى؛ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جەمئىيەتتىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش كۈچلىرىنى نەق مەيداندا ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جەمئىيەتتىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش كۈچلىرىدىن 294 كىشىنى ئاپەت رايونىغا بېرىپ قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلىدى.

  ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم 12-ئاينىڭ 19 -كۈنى سەھەردىن باشلاپ نۇرغۇن قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەن رايونغا ئەۋەتتى. غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 76-جىتۈەنجۈنى مەلۇم لۈسىدىكى 300دەك ئوفىتسېر-ئەسكەر كېچىلەپ ئاتلىنىپ، ئادەم قۇتقۇزۇش، يوللارنى تازىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى دەرھال يەر تەۋرەشتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى. 12-ئاينىڭ 19 -كۈنى سەھەر سائەت 3لەردە، قوراللىق ساقچى قىسىم گەنسۇ باش ئەترىتىدىكى 300دىن ئارتۇق ئوفىتسېر-ئەسكەر ئەڭ تېز سۈرئەتتە يەر تەۋرەش مەركىزى رايونىغا يېتىپ بېرىپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى. قوراللىق ساقچى قىسىم چىڭخەي باش ئەترىتى جەمئىي 158 ئەسكەر ئاجرىتىپ، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتناشتى.

  12-ئاينىڭ 19 -كۈنى سائەت 21دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش قوشۇنى ئەۋەتكەن 2042 ئادەم، 381 ئاپتوموبىل ئاپەت رايونىغا يېتىپ كەلدى، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش كۈچلىرى 18 بازار، 93 كەنت، 64 مەھەللە، 4647 ئائىلىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئىزدىدى. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى، سىچۈەن داشۆ خۇاشى دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنى گەنسۇغا جىددىي ئەۋەتىپ، دۆلەتنىڭ ئۈچ جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى تەشكىللەپ، تېزدىن يىغىلىپ، گەنسۇ، چىڭخەيگە ياردەم بېرىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ھاياتلىقنى قۇتقۇزدى.

  يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلار جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش كۈچلىرىنى تەشكىللەپ زىيانغا ئۇچرىغان توك، خەۋەرلىشىش، قاتناش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى جىددىي رېمونت قىلىپ، يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆتۈشىگە ئالدىن كاپالەتلىك قىلدى.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ۋەقەلەرگە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئاپەت رايونىنىڭ كۆمۈر، توك، ماي، گاز تىرانسپورتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەڭشەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇچۇر ئالاقە كەسپىنىڭ جىددىي رېمونت قىلىشى بىلەن، 12-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 14كىچە، يەر تەۋرەش ۋە توك ئۈزۈلۈپ قېلىش سەۋەبىدىن مۇلازىمەت قايتۇرۇلغان 314 ئاساسىي پونكىتنىڭ 279ى رېمونت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ئۈزۈلۈپ قالغان ئىككى ئوپتىكىلىق كابېلنىڭ ھەممىسى تۇتاشتۇرۇلغان. دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى نەق مەيدان خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ئاپەت رايونىغا بېرىپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى جىددىي رېمونت قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. جىددىي رېمونت قىلىش ئارقىلىق، 12-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 19دىن 20مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، گەنسۇ لىنشيا ئوبلاستىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە توك توختاپ قالغان ئابۇنىچىلارنىڭ ھەممىسىنى توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئالاقىدار مەركەز كارخانىلىرى خادىملارنى نەق مەيدانغا بېرىپ، توك، قاتناش، تور قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى جىددىي رېمونت قىلىشقا تەشكىللىدى.

  تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى گېئوئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە 3-دەرىجىلىك ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئاپەت رايونىغا مۇتەخەسسىسلەر خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، يەرلىكنىڭ قۇتقۇزۇش تېخنىكىسى، ئىككىلەمچى ئاپەتنى تەكشۈرۈش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بەردى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە 2-دەرىجىلىك ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ئۆي-ئىمارەت قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى جىددىي باھالاش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، جىددىي رېمونت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى گەنسۇ ئەتراپىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، قاتناشقا كاپالەتلىك قىلىش بىرلەشمە مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، گەنسۇ ئەتراپىدىكى، بولۇپمۇ يەر تەۋرىگەن رايون ئەتراپىدىكى يوللارنىڭ قاتناش ئەھۋالىنى 24 سائەت كۆزىتىپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قاتناش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلدى. قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە 2-دەرىجىلىك ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى داۋاملىق ساقلاپ، 12-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 19غىچە، گەنسۇ، چىڭخەيدىكى يەر تەۋرىگەن رايونلاردىكى بارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار، دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەلىرىدە قاتناش راۋانلاشتۇرۇلدى، ئاپەت ئېغىر بولغان رايونلارغا تۇتىشىدىغان يېزا تاشيوللىرىنىڭ ھەممىسى راۋانلاشتۇرۇلدى.

  سۇچىلىق مىنىستىرلىقى سۇ ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش 4-دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، گەنسۇ، چىڭخەي ئىككى ئۆلكىنىڭ سۇچىلىق نازارىتى ۋە خۇاڭخې دەرياسى سۇچىلىق كومىتېتىدىن سۇ ئامبىرى، توسما، يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرى ھەمدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان سىيرىلىپ چۈشۈش، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق يەر تەۋرەش زىيىنىنى تەكشۈرۈش، خەتەرلىك ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش، خەتەرلىك رايوندىكى خادىملارنى يۆتكەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى جىددىي تەلەپ قىلدى. جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 6دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتىنىڭ 2-دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويدى. دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسى دەرھال جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئاپەت رايونىغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، يەرلىكنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئىچىدىغان سۇ تازىلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە قوللىدى.

  ئاپەت رايونىدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتتىيەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، گەنسۇ ئۆلكىسى ۋە چىڭخەي ئۆلكىسى جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويدى، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ دەرھال يەر تەۋرەش مەركىزىدىكى ئاپەت رايونىغا بېرىپ، پائال كۈچ تەشكىللەپ قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى دەرھال ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىغا يۆلەنچۈكى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاممىنىڭ بىخەتەر ۋاقىتلىق تۇرالغۇسى، ئىچىدىغان پاكىز سۈيى، يەيدىغان ئىسسىق تامىقى، كىيىدىغان پاختىلىق كىيىمى، كېسەل بولسا ۋاقتىدا داۋالىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.12-ئاينىڭ 19-كۈنى، جىشىشەن ناھىيەسى داخېجيا بازىرى داخې كەنتىنىڭ مەدەنىيەت مەيدانىدا، كالا گۆشى ئۈگرىسى قازىنىدىن ئىسسىق ھور كۆتۈرۈلدى. «يەر تەۋرىگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، بىز ئەتىگەندىلا گۇاڭخې ناھىيەسىدىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلدۇق» دېدى بىر كالا گۆشى ئۈگرىسى يېمەك-ئىچمەك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ما ۋەيشىمۇ، ئۇ 25 خادىم، 50 خالتا ئۇن ئېلىپ كەلگەنىدى، «ئەتىگەندىن كەچكىچە ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلار ۋە قۇتقۇزغۇچىلارغا بىر قاچا ئىسسىق كالا گۆشى ئۈگرىسى يېگۈزۈش ئۈچۈن كەلدىم».

  جىشىشەن ناھىيەسى داخېجيا بازىرى داخې كەنتىدە پىدائىيلار قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەشكىللەپ، كەسپىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن پۈتۈن كەنتنى ئىككى قېتىم تەكشۈرۈپ، خارابىلىك ئاستىدىن قاپسىلىپ قالغان 23 كىشىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى؛ لىنشيا ئوبلاستلىق ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتى گۇاڭخې چوڭ ئەترىتى گۇاڭتۇڭ ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتىنىڭ باشلىقى لۇ جىنرۈي دەرھال ئاپەت رايونىغا يېتىپ كەلدى، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ يول ئۈزۈلۈپ قالغاچقا، لۇ جىنرۇي ۋە سەپداشلىرى نوسىلكىنى كۆتۈرۈپ، ھاياتلىق يولى ئېچىپ، يارىلانغان نۇرغۇن ئاممىنى قۇتقۇزدى؛ سەھەر سائەت بەشتە، گەنسۇ لەنتيەن قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 32 ئەزاسى داخېجيا بازىرىغا يېتىپ كەلدى، 12-ئاينىڭ 19-كۈنى، قۇتقۇزۇش ئەترىتى 160 كىشىنى ئىشقا سېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  12-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 15 گىچە، گەنسۇ ئۆلكىلىك ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش باش ئەترىتىنىڭ نەق مەيداندىكى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش كۈچى قاپسىلىپ قالغان 67 كىشىنى قۇتقۇزۇپ، 685 ئادەمنى يۆتكەپ تارقاقلاشتۇرۇپ، 153 چېدىر تىكتى، 397 خەتەرنى تۈگەتتى، 14.5 توننا ماددىي ئەشيا توشۇدى ھەمدە يەرلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما بىلەن بىرلىكتە ئىككى بازار، 17 كەنتنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى. 12-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، جىشىشەن ناھىيەلىك ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن 230 پىدائىينى يەر تەۋرەش مەركىزىدە قۇتقۇزۇشقا ياردەملىشىشكە تەشكىللىدى.ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 12-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 14تىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى 14 كەسپىي قۇتقۇزۇش تۈرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتتىكى 244 كىشى 58 ئاپتوموبىل كەسپىي ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ ئاپەت رايونىغا كىرىپ قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرغان؛ بەش ئىجتىمائىي تەشكىلات ئاكتىپلىق بىلەن 1 مىليون 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى، 345 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كىيىم-كېچەك، يېمەكلىك، دورا قاتارلىق قۇتقۇزۇش ماددىي بۇيۇملىرىنى ئىئانە قىلغان.

  خەيدۇڭ شەھىرى مىنخې خۇيزۇ، تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى جىنتيەن كەنتىدىكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا رەت-رەت كۆك چېدىرلار تىكلەنگەنىدى. ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، جىنتيەن كەنتىدىكى ياشلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش چىڭخەي خەيدۇڭ شەھىرى ئاھالىسى ۋە خۇالۇڭ، شۈنخۇا قاتارلىق ئۈچ ناھىيەدىكى 46 يېزا بازاردىكى 419 مەمۇرىي كەنتكە تەسىر كۆرسەتتى. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خەيدۇڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، ئوت ئۆچۈرۈش، يەر تەۋرەش، سەھىيە، قاتناش قاتارلىق تارماقلار كۈچنى تېزدىن يىغىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاپەت رايونىغا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ۋاقتىدا يۆتكەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان 6498 كىشىنى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇردى، 15 مىڭ 450 كىشىنى تارقاق ئورۇنلاشتۇردى.

  ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قۇتقۇزۇش كۈچلىرى جىددىي ياردەمگە كېلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە تېزدىن ئاتلاندى

  بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم قىلدى. يەر تەۋرەش ئاپىتى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. قۇتقۇزۇش كۈچلىرى، ئىجتىمائىي بايلىقلار بىرىنچى ۋاقىتتا توپلىنىپ، مېھر-شەپقەت يەتكۈزۈش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. جايلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە تېزدىن ئاتلىنىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بەردى.

  قۇتقۇزۇش خادىملىرى تېز سۈرئەتتە يىغىلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى كېچىلەپ يەتكۈزۈلدى. قىزىل كىرېست باش جەمئىيىتى 2-دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئاپەت رايونىغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى؛ قىزىل كىرېست جىددىي قۇتقۇزۇش غەربىي شىمال ھەمكارلىق رايونى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، قىزىل كىرېست ئىزدەش، داۋالاش، ياردەم بېرىش قاتارلىق قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنى ئاپەت رايونىنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئەۋەتتى؛ تۇنجى تۈركۈمدە 5 مىليون يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئاجرىتىپ، چېدىر، قاتلىما كارىۋات، يوتقان-كۆرپە، پاختىلىق كىيىم، ئائىلە سومكىسى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى يۆتكىدى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى دەرھال ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي يۆتكەش تەرتىپىنى يولغا قويۇپ، ئاپەت رايونىغا 20 مىڭ يۈرۈش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسىنى ئەۋەتتى؛ جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت جياڭسۇنىڭ چىڭخەيگە ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىدىن جياڭسۇدىكى كۈچلەرنى پائال تەشكىللەپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، ۋۇشى شەھىرى ئالدى بىلەن 5 مىليون يۈەن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇردى، تۇنجى تۈركۈمدىكى 6 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى دورا، چېدىر قاتارلىق ماددىي ئەشيالار توشۇلدى؛ ئاۋمېن قىزىل كىرېست جەمئىيىتى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەن رايونغا 200 مىڭ يۈەن جىددىي ئاجرىتىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي سېتىۋېلىشقا ئىشلەتتى...

  كۆپ تەرەپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، قىيىنچىلىقلارنى تەڭ يەڭدى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ئىتتىپاق گەنسۇ ئۆلكىلىك ئىتتىپاق كومىتېتىغا 1 مىليون يۈەن ئىتتىپاق پۇلى، چىڭخەي ئۆلكىلىك ئىتتىپاق كومىتېتىغا 300 مىڭ يۈەن ئىتتىپاق پۇلى ئاجرىتىپ، جۇڭگو ياش پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويدى. جۇڭگو ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى، جۇڭگو گۇاڭخۇا پەن-تېخنىكا فوندى جەمئىيىتى، جۇڭگو ياشلار ئىگىلىك تىكلەش ئىشقا ئورۇنلىشىش فوندى جەمئىيىتى قاتارلىقلار ئاپەت رايونىغا 1 مىليون 700 مىڭ يۈەن ئاممىۋى پاراۋانلىق مەبلىغى ئاجراتتى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى تەرتىپىنى يولغا قويۇپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مەبلىغى بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى؛ جۇڭگو پىڭئەن جۇڭخۇا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ، «پىڭئەن گەنسۇ، چىڭخەيدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپەت رايونىغا 10 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى.

  12-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 15تىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى يەتتە «گەنسۇغا ياردەم بېرىش نۆۋەتچى ئايروپىلانى» ئارقىلىق قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە ماددىي ئەشيالارنى توشۇشنى پىلانلىدى. 12-ئاينىڭ 19-كۈنى، چۈنچيۇ ئاۋىياتسىيە شىركىتى شۇ كۈندىن باشلاپ گەنسۇدىكى بارلىق چېگرادىن كىرىش-چىقىش لىنىيەلىرىنىڭ كەسپىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە قۇتقۇزۇش ماتېرىياللىرىنى ھەقسىز توشۇيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۈنفېڭ گۇرۇھى، شۈنفېڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ماددىي ئەشيالىرى ئاپەت رايونىغا توشۇلدى. جىڭدۇڭ يېقىن ئەتراپتىكى ئامبارلاردىن ئىچىدىغان سۇ، يېمەكلىك، قىشلىق كىيىم-كېچەك قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى جىددىي يۆتكەپ، مەخسۇس ئادەم، مەخسۇس ئاپتوموبىل بىلەن ئاپەت رايونىغا توشۇدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ