مۇھىم خەۋەرلەر

ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىش كېرەك

2023.12.14 00:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىنتىزامنى، قانۇننى ئىجرا قىلىش خەلق ئۈچۈن، ئىستىل تۈزىتىش، قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش خەلق ئۈچۈن. خەلقنىڭ مەيدانى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى. خەلق ئاممىسى نېمىگە قارشى تۇرسا، نېمىگە نەپرەتلەنسە، بىزمۇ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى تۈزىتىشىمىز كېرەك. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا «خەلق ئاممىسىنىڭ جىددىي، قىيىن، غەم-ئەندىشە قىلغان، ھەل قىلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش»، «ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى <چىۋىن خىيانەتچىلىكى>نى قەتئىي جازالاش» تەكىتلەندى. 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا «ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەش» كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلدى. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دىققەتنى ئاممىنىڭ جىددىي، قىيىن، تەقەززالىق مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت-سائادىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان ئادەم ۋە ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈم ئارقىلىق ئاممىنىڭ قوللىشى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش كېرەك.

  ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، «چىۋىن خىيانەتچىلىكى»نى جازالاش ئارقىلىق خەلققە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. ئامما ئەتراپىدا يۈز بەرگەن چىرىكلىك مەسىلىلىرىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ، چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە، بۇنىڭغا جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي تۈزىتىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. دىققەتنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكى، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خىيانەتچىلىك، ئىگىلىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىش، يالغان مەلۇم قىلىش، كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش، يېيىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، «كەنت زومىگىرى»، «كوچا زومىگىرى»، «كان زومىگىرى» قاتارلىقلارنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېزىلاردا زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، پۇقرالارنى بوزەك قىلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. ئوخشاش بولمىغان مەزگىل، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان قاتلام-دەرىجىدىكى چىرىكلىك ھادىسىلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، باشلىنىش نۇقتىسى، بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىپ، دەرىجە ۋە تۈرگە ئايرىپ تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا ئاممىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئاممىنىڭ نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشىغا قولايلىق ئۈنۈملۈك سۇپا ھازىرلاپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «چىۋىن خىيانەتچىلىكى»، «چۈمۈلە چىرىكلىكى»گە يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرماسلىق كېرەك.

  دېلو ئارقىلىق ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەسىلىنى مەنبەدىن ھەل قىلىش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تېخىمۇ مۇھىمى تۈزىتىشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، دېلو بېجىرىش، ئاگاھلاندۇرۇش، تۈزىتىش، تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى رەتلەپ تەھلىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قايتا-قايتا كۆرۈلگەن، ئومۇميۈزلۈك يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىنى تۈزۈم-مېخانىزم جەھەتتىن تېپىپ چىقىپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، ئاممىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پاكلىق تەربىيەسى، ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئەتراپىدىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەپ، زور كۈچ بىلەن پاك كەيپىيات يارىتىپ، دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈپ، كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىدىيە جەھەتتە تۈپتىن ياخشىلاپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىغا ياخشى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ