مۇھىم خەۋەرلەر

«ئالدىن تەييارلانغان تاماقنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش»تە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەندىشىسىگە چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

2023.11.17 00:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، «ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىلارنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. ئوقۇغۇچىلار ئۆسۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى قانداق؟ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ بۇ مەسىلىلەر ئاتا-ئانىلارنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى.

  ئالدىن تەييارلانغان قورۇما كىشىلەرنى مەلۇم دەرىجىدە بىر خىل قولايلىق، تېز بولغان يېمەك-ئىچمەك ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى، نېمە ئۈچۈن «ئالدىن تەييارلانغان تاماقنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالىدۇ؟ بۇنىڭدا، ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىنىڭ سۈپىتى ۋە توشۇش، ساقلاش جەريانىدا ساقلانغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىدا، شۇنداقلا ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىنىڭ ئوزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلالماسلىقىدىن تېخىمۇ ئەندىشە قىلغانلىقىدا. كىشىلەر قولاي، تېز بولۇش ئۈچۈن ئاندا-ساندا ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىلارنى يېيىشنى تاللىسا بولىدۇ، لېكىن كۈندە يېيىشنى خالايدىغانلار بولماسلىقى مۇمكىن، كۈندە يېيىشنى بالىلار تېخىمۇ قوبۇل قىلالمايدۇ. ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىلارنى مەكتەپلەرگە غىپپىدە كىرگۈزۈش ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەگەر ئالدىن تەييارلانغان تاماقلار تۇيدۇرماي مەكتەپنىڭ باشقا تاماق بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلىنىڭ ئورنىنى ئالسا، شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنى تاللاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.

  2019-يىل 4-ئايدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ۋە دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىرلىشىپ ئېلان قىلىپ يولغا قويغان «مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»دە، مەكتەپلەر يېمەكلىك سېتىۋېلىش، ئاشخانا باشقۇرۇش، تاماق بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنلارنى تاللاش قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ مەركەزلىك تاماق يېيىشىگە چېتىلىدىغان چوڭ-چوڭ ئىشلاردا ئاتا-ئانىلار كومىتېتى ياكى ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، تاللاش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكى ئېنىق بەلگىلەنگەن. 2020-يىل 8-ئايدا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ ئورگان ئېلان قىلغان «مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تازىلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق، ساغلاملىق باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، ئوقۇغۇچىلار تامىقىغا كۆپ خىل يېڭى كۆكتاتلارنى ماسلاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلار تامىقىنى پىشۇرۇشتىن يېيىشكىچە بولغان ئارىلىق ۋاقتى ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك تەلەپ قىلىنغان. روشەنكى، ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىلارمۇ مۇناسىۋەتلىك تەلەپكە يەتمەيدۇ.

  ئالدىن تەييارلانغان قورۇما بۇ قېتىم خاتا يولغا مېڭىپ قالدى. بالىلارنىڭ تاماق مەسىلىسىدە كىچىك ئىش يوق، ساغلاملىق، ئوزۇقلۇق، بىخەتەرلىكنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ھەر تەرەپلىمە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك، بۇ ئىشتا جايلار «ۋىجدان ھېساباتى قىلىشى كېرەك»، چۈنكى بۇ ئىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسىگە تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك. شارائىت پىشىپ يېتىلمىگەن ئەھۋالدا مەكتەپلەر ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىلارنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىكنى ئاتا-ئانىلارغا قارار قىلىشقا تاشلاپ بەرمەسلىكى كېرەك. جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قانداق قىلغاندا مەكتەپ تامىقىنى تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك، ساغلام، مەززىلىك قىلغىلى بولىدۇ، دېگەننى چوقۇم ياخشى ئويلىشىش كېرەك. بالىلار نېمە يەيدۇ، قانداق يەيدۇ، دېگەن مەسىلىلەرنى مەكتەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ باھالاپ، ھەر دەرىجىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى سېتىۋېلىش، ئېتىش، مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، ئاشخانا ئىشلىرىنى ئاشكارا قىلىپ، بالىلارنى ساغلام، ئاتا-ئانىلارنى خاتىرجەم قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ