مۇھىم خەۋەرلەر

«ئۇ تېخى بالا» دېيىش مەسئۇلىيەتتىن قېچىشنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ

2023.11.17 00:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «خەقنىڭ بالىسى»غا قانداق قاراش كېرەك، دېگەن مەسىلە توغرىسىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاممىنىڭ كەيپىياتى سەل مۇرەككەپلىشىپ قالدى. بىر تەرەپتىن، قانۇننىڭ قوغدىشىنىڭ كۈنسېرى كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاممىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىغا قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بارغانسېرى روشەنلەشتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ چەك-چېگراسى يوق ھالدا قەغىشلىك قىلىپ جېدەل-ماجىرا پەيدا قىلىش ۋەقەلىرى ئاممىۋى پىكىر سورۇنىنى قايتا-قايتا لەرزىگە سالدى. ھەربىر ئادەم باشتىن كەچۈرىدىغان كىشىلىك ھايات باسقۇچىغا نىسبەتەن نېمە ئۈچۈن بۇنداق «مۇھەببەت-نەپرەت گىرەلىشىپ كەتكەن» ھېسسىيات پەيدا بولىدۇ؟

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئېتىبار بېرىشنىڭمۇ چېكى بار. دۆلىتىمىز قانۇنىدا 3-كىشىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە يول قويۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقى بەلگىلەنمىگەن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىغا ئوخشاش مەخسۇس قانۇندىمۇ، ئومۇمىيلىققا ئىگە ھوقۇقنى كېمەيتىش تەلەپ قىلىنمىغان. جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ياخشى نىيەتتە يول قويۇشىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تەننەرخىنى سۈكۈتتە ئۈستىگە ئالغانلىقى دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ. «باشقىلار»نىڭ قۇرامىغا يەتكەن-يەتمىگەنلىكىدىن قەتئىينەزەر ھەرقانداق ئادەم باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەرتىپكە بولغان ئېھتىياجىغا ھۆرمەت قىلىشىنى، ھوقۇقىنى قەدىرلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. «ئۇ تېخى بالا» دېيىش ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتتىن قېچىشىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ، ئۈچىنچى كىشىنىڭ ئۆز ھوقۇقىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى ھاجەتسىز.

  ئىلگىرىكى قىزىق نۇقتا ۋەقەلىرىدىنمۇ شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى قانداق باشقۇرۇشى، بولۇپمۇ ئۆزىنى چەتكە ئېلىش-ئالماسلىقى، باشقىلارغا ئىتتىرىش-ئىتتىرمەسلىكى زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل. 3-كىشىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى سۈرەتكە ئېلىشى قاتارلىقلار ھېسسىياتتىكى دەردىنى چىقىرىش بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەنلىك ۋە ئىنكاس قايتۇرغانلىق. شۇڭا، قانداق قىلىپ كەپسىز بالا مەسىلىسدىكى زىددىيەتنى تۆۋەنلىتىشتە ئۆسۈپ يېتىلىش تەننەرخىنىڭ ئىچكى قىسىمدا بولۇشىنى قوغلىشىش يەنىلا لوگىكىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان جاۋاب.

  ئەلۋەتتە، ئائىلىنىڭ يۇقىرى ئۆسۈپ يېتىلىش تەننەرخىنى ھەزىم قىلىشىغا تايىنىش ھەقىقەتەن ئادەمنى قىينايدۇ. پەرزەنتلەرنى بېقىشنى جەمئىيەت قوللاش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس رايون تەسىس قىلغاندىن باشقا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىشلىتىش قېتىم سانى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئاممىۋى سورۇنلاردا ئەسكەرتىش تەسىس قىلىپ، يېنىك سەۋەنلىك قىلمىشىغا يول قويۇش پۈتۈم مەجبۇرىيىتىنى كىرگۈزۈپ، بۇ ئارقىلىق يېڭى ئورتاق تونۇشنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ