مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئېلىمىزنىڭ نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىلگە قەدەم قويغانلىقىنى بىلدۈردى

2023.11.16 23:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مى فېڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى جايلارنىڭ كەينى-كەينىدىن قىش پەسلىگە كىرىشى بىلەن نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىلگە قەدەم قويغانلىقىنى، كۆپ خىل نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  شۇ كۈنى دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مى فېڭ مۇنداق دېدى: كۆپ خىل كېسەللىكنىڭ تەڭ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىكتە داۋالاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، تارقىلىشچان زۇكام، دېنگې قىزىتمىسى، نورۇ ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ۋىرۇسنىڭ ھەرىكەت سىجىللىقى، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئىگىلەش كېرەك.

  جۇڭگو كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش مەركىزى ۋىرۇس تەتقىقات ئورنى دۆلەت تارقىلىشچان زۇكام مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ دايەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قىش، ئەتىياز پەسىللىك تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تارقىلىش پەسلى ئادەتتە ھەر يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىنكى يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولىدۇ، 1-ئاي ئەتراپىدا يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ. يېقىندا ئېلىمىزنىڭ تارقىلىشچان زۇكامنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جەنۇبتىكى ئۆلكىلەر، شىمالدىكى ئۆلكىلەردە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ھەرىكىتى داۋاملىق ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، تارقىلىشى جەنۇبتىكى ئۆلكىلەردە شىمالدىكى ئۆلكىلەردىن يۇقىرى بولۇپ، جايلار تەدرىجىي تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تارقىلىش پەسلىگە قەدەم قويغان، نۆۋەتتە تارقىلىۋاتقان تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇس تۈپى ئا تىپلىق H3N2 ئىككىلەمچى تىپنى ئاساس قىلغان.

  ۋاڭ دايەن مۇنداق دېدى: يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئەرزان ئۇسۇل ۋاكسىنا ئەملەش. بۇنىڭدىن باشقا، ئامما ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاپ، ياخشى شەخسىي تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئائىلە ۋە خىزمەت سورۇنىنىڭ مۇھىتىنى پاكىز تۇتۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ياشانغانلار، بالىلار، ھامىلىدار ئاياللار، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار قاتارلىق خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر ئاممىۋى سورۇنلارغا ئىمكانقەدەر ئاز بېرىشى كېرەك. قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئۆيدە ئارام ئېلىشى كېرەك. ئەگەر كېسەللىك ئالامىتى ئېغىرراق بولسا، شەخسىي قوغدىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ