مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ 12-نۆۋەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى، سۇڭ كەي رەئىسلىككە سايلاندى

2023.10.19 00:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2023-يىل 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ 12-نۆۋەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا 12-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى، سۇڭ كەي جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى، سۈن ۋېن، يۈەن يۇڭچىڭ، ياڭ شۈ، شۈ جىرېن مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلاندى. يۈەن يۇڭچىڭ قوشۇمچە باش كاتىپ بولدى.

  دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گاۋ جىدەن يىغىنغا قاتناشتى، ئومۇمىي يىغىن ۋەكىللىرىنى يوقلىدى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى لى يىڭچۈەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  سۇڭ كەي مۇنداق دېدى: جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، تېخىمۇ تىرىشىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ پاك، تېخىمۇ جاسارەتكە ئىگە بولۇپ، كۆڭۈلنى توختىتىپ، قەدەممۇ قەدەم جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرىدۇ.

  يىغىندا «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئەزالار قۇرۇلتىيىنىڭ سايلام چارىسى»، «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى»، «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مالىيە دوكلاتى» قاتارلىق دوكلات لايىھەلىرى قاراپ چىقىلدى ۋە ماقۇللاندى. ۋاڭ چياڭ، ۋاڭ شۇاڭ (ئايال)، ليۇ جۈن، ليۇ تۇڭ، شۈ گوشۈن، شۈ جىرېن، سۈن ۋېن (ئايال)، ياڭ شۈ، شياۋ يۈن (ئايال)، سۇڭ كەي، جاڭ يادۇڭ، جاڭ چاۋشى، ئادىلجان ھوشۇر، جېڭ جى، جاۋ لياڭ، ليۇ يى (ئايال)، يۈەن يۇڭچىڭ، شۈ جيالى، دۇڭ جيەنخۇي (ئايال)، جى چياڭ قاتارلىق 20 كىشى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ 12-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى (فامىلە خەت سىزىقىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بويىچە تىزىلدى). پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەزا ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ جەمئىي 147 كىشى يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ