لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

«تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنى ھەرىكەتچان كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، قاتلام ۋە تۈرگە ئايرىپ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش ھەرىكەت لايىھەسى» ۋە «پاتېنتنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى (2023 – يىلدىن 2025 - يىلىغىچە)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى

2023.10.12 14:47 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، «تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنى ھەرىكەتچان كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، قاتلام ۋە تۈرگە ئايرىپ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش ھەرىكەت لايىھەسى» ۋە «پاتېنتنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى (2023 – يىلدىن 2025 - يىلىغىچە)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىدىكى تولۇق كاپالەتلىك، ئۇللۇق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنى ھەرىكەتچان كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ دەل جايىدا، ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، قاتلام، تۈرگە ئايرىلغان، ئۇنىۋېرسال، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش بىخەتەرلىك تورىنى تېخىمۇ زىچ، پۇختا توقۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش پۇلى، كاپالەت پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قىشنى بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇش خەلق تۇرمۇشىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇش، ياشانغانلارنىڭ ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈنۈشىنى قوللاش، ياشانغانلارنىڭ بەخت سائادىتىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنى پائال، پۇختا راۋاجلاندۇرۇپ، مايىللىشىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ يېزىلارنىڭ مۇلازىمەت تەمىناتىنى كېڭەيتىشنى قوللاش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار زىچ ھەمكارلىشىپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پاتېنتنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، پاتېنت قىممىتىنى تولۇق قېزىپ، پاتېنت كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش ___ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە. پاتېنت نەتىجىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە سىياسەت جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرۇشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىن كۈچ چىقىرىپ، رېئال ئېھتىياجدىن پەن تەتقىقات مەسىلىلىرىنى ئىخچاملاش ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پاتېنت نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشقا پايدىلىق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاتېنتنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشتىكى ئاچقۇچلۇق توسالغۇلارنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، بازار مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ياخشى ئېكولوگىيە يېتىلدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ