«شى جىنپىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ كۆپ خىل تىل ـ يېزىق نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2023.10.18 11:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، «شى جىنپىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ كۆپ خىل تىل ـ يېزىق نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، ئەرەب تىل ـ يېزىقى، ئىسپان تىل ـ يېزىقى، پورتۇگال تىل ـ يېزىقى، گېرمان تىل ـ يېزىقى، ياپون تىل ـ يېزىقىدىن ئىبارەت بەش خىل تىل ـ يېزىقتىكى يېڭى كىتاب مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىل ـ يېزىقى نەشرىيات ـ تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، چەت ئەل تىل ـ يېزىقى نەشرىياتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ھەمدە تەرجىمە، نەشرىيات ساھەسى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار مۇنداق قارىدى: بۇ يىل «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. 10 يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنىڭ پىلانلىشى، ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى، ئۆزىنىڭ تۈرتكە بولۇشىدا، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش جۇڭگو تەشەببۇسىدىن خەلقئارا ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىپ، ئىدىيەدىن ھەرىكەتكە ئايلىنىپ، ئارزۇدىن رېئاللىققا ئۆزگىرىپ، پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان «چوڭ سىزما»دىن تۈجۈپىلەپ سىزىلغان «نەپىس سىزما» بولۇپ پۈتۈپ چىقىپ، ئەمەلىي، مول مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. 10 يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق ئېچىپ بەردى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، يەرشارىۋى تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلات ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسى بولۇپ قالدى.

  «شى جىنپىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> توغرىسىدا» ناملىق كىتابقا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2013 ـ يىلى 9 ـ ئايدىن 2018 ـ يىلى 7 ـ ئايغىچە بولغان مەزگىلىدىكى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى 42 پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، بېيىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانى تەپسىلىي خاتىرىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ پىرىنسىپال ئىدىيەسى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، نىشانى، يولى جانلىق چۈشەندۈرۈلۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، ئىدىيە مەنبەسى ۋە ئەمەلىيەت قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشى، چۈشىنىشىنى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلىدى.

  تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىدا، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار ۋەكىللىرى بىرلىكتە «شى جىنپىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ كۆپ خىل تىل ـ يېزىق نۇسخىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى، جۇڭگو تەرەپ چەت ئەل تەرەپتىكى ئەزىز مېھمانلارغا يېڭى كىتابنى تەقدىم قىلدى. «شى جىنپىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ ئىنگلىز تىل ـ يېزىقى، فىرانسۇز تىل ـ يېزىقى، رۇس تىل ـ يېزىقى نۇسخىسى چەت ئەل تىل ـ يېزىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ