شى جىنپىڭ شىمالىي ماكېدونىيە زۇڭتۇڭى پېنداروۋسكى بىلەن جۇڭگو - شىمالىي ماكېدونىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.10.13 14:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شىمالىي ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى پېنداروۋسكى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو شىمالىي ماكېدونىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردە قىممەتلىك ھەمكارلىق تەجرىبىلىرىنى توپلاپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، مەن بۇنى چوڭقۇر ئالقىشلايمەن. مەن جۇڭگو - شىمالىي ماكېدونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ پېنداروۋسكى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى، دوستلۇقى، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو - شىمالىي ماكېدونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  پېنداروۋسكى مۇنداق بىلدۈردى: شىمالىي ماكېدونىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىغا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ كەلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى بىر - بىرىگە ماس كېلىدۇ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. شىمالىي ماكېدونىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ