«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

​ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش كېرەك

2023.10.17 11:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 20 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇنداقلا بۇ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تەنتەنىلىك تارىخىي مەسئۇلىيىتى، دەپ تەكىتلەندى. بىزنىڭ بۇنى تېما قىلىپ مەركەزلىك ئۆگىنىشتىكى مەقسىتىمىز شۇكى، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئورنى، يۆنىلىشى، ئۇسۇلىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ مول بولغان نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىغا نەزەر سالساق، پارتىيەمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگودىكى باشقا سىياسىي كۈچلەر ئورۇندىيالمايدىغان مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالىشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيەنى ئىگىلىگەنلىكى ھەم يېڭى ئەمەلىيەتكە ئۈزلۈكسىز بىرلەشتۈرۈپ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتقانلىقىدىن بولغان، بۇ، پارتىيەمىزنى قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچىنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا تارىخىي تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىش ئاساسىدا، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»، «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش» قاتارلىق پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇللىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ۋە بايان قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، بىز ياخشى چىڭ تۇرۇشىمىز، ياخشى تەتبىقلىشىمىز كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ روھى ۋە يىلتىزىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش كېرەك. ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تېمىنىڭ ئۆزى بىزنىڭ ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ روھىي تومۇردىن قەتئىي ۋاز كەچسەك بولمايدىغانلىقىنى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ يىلتىز تومۇردىن ۋاز كەچسەك قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. بۇ روھ ۋە يىلتىزنى ياخشى ساقلاش نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشمۇ بۇ روھ ۋە يىلتىزنى تېخىمۇ ياخشى ساقلاش ئۈچۈندۇر. جەزمەن ماركسىزمدىن ئىبارەت پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بۇ ئاساستا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىمىز، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، ماركسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى توختىتىپ قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ ئىدىيەۋى جەۋھىرىنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇپ، ئۇنى يېڭى نەزەرىيە ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىدىيەنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىگە ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىمىز كېرەك. نەزەرىيە نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ، ھەممىنى سىغدۇرالايدىغان كەڭ قورساقلىق بىلەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، «ئىنسانىيەت بىلىملىرىنىڭ يىغىندىسى»دىن مۇنەۋۋەر ئىدىيە، مەدەنىيەت بايلىقىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، سىغدۇرۇشچان، كۆپنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىدىغان نەزەرىيە چوڭ ئەندىزىسى ۋە ئومۇمىي كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دەۋر يېڭى تېمىسىغا ۋاقتىدا، ئىلمىي جاۋاب بېرىش كېرەك. بارلىق دەۋر بۆلگۈچ نەزەرىيەلەر دەۋر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ مەھسۇلى. نەزەرىيەدىكى ھالقىش سۆز - جۈملىلەردە ئۆزگىچە يېڭىلىق يارىتىشتا ئىپادىلەنمەيدۇ، لوگىكا جەھەتتىن ئۆز - ئۆزىنى ماسلاشتۇرۇش، ئۆز - ئۆزىنى دەلىللەشتىمۇ ئىپادىلەنمەيدۇ، بەلكى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىش، ئەمەلىيەتتىكى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. ماركسىزم ئەمەلىيەت نەزەرىيەسىدۇر. بىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشىمىز ئەمەلىيەت ئاساسىدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ھەرگىزمۇ رېئاللىقتىن چەتنىگەن قۇرۇق خىيال ئەمەس، جەزمەن ئەمەلىيەت داۋامىدا ھەقىقەتنى بايقاش، ھەقىقەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، ھەقىقەتنى سىنىشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ۋەزىپىمىز يېنىكلىمىدى، بەلكى تېخىمۇ ئېغىرلىدى. چوڭ تارىخ قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەيدىغان نەزەر بىلەن دۇنيا تارىخىنىڭ تەرەققىيات تومۇرى ۋە توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ چوڭ لوگىكىسى، چوڭ يۈزلىنىشىنى ئېنىق تونۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئىگىلەپ، رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئىلمىي ئىدىيە، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمىنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ قايىل قىلارلىق ھەقىقەت كۈچىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي قائىدىلەشتۈرۈشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نەزەرىيەنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي قائىدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە مۇھىم يولى. ماركسىزمنىڭ تەسىرى چوڭقۇر بولۇشتىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ چوڭقۇر ئىلمىي قائىدە ئارقىلىق ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ھەقىقەت خاراكتېرىنى ئېچىپ بەرگەن، مۇكەممەل سىستېما ئارقىلىق ئۆز نەزەرىيەسىنىڭ ئىلمىيلىكىنى دەلىللىگەن. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش، كېڭەيتىش ھەم ئۈزلۈكسىز سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي قائىدىلەشتۈرۈش جەريانىدۇر. ئەمەلىيەت مۇساپىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بارغانسېرى موللاشتى. نەزەرىيەنى تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە بايان قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا پارتىيەمىز ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈملەردىكى قائىدە خاراكتېرلىك نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ ۋە بايان قىلىپ، ئۆزئارا ئىچكى باغلىنىشنى ئىگىلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىش، ئىگىلەشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلق ئاممىسىنىڭ ئىجادىيىتىدىن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئەقىل - پاراسىتىنى قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ماركسىزم خەلق ئۈچۈن سۆز قىلىدىغان، خەلق ئۈچۈن ۋاكالىتەن سۆزلەيدىغان نەزەرىيە، خەلقنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن يارىتىلغان، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى كۆزلەش ئەمەلىيىتىدە بېيىتىلغان ۋە راۋاجلاندۇرۇلغان، خەلقنىڭ ئىجادىي ئەمەلىيىتى ماركسىزم نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس بۇلىقى. ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. بىز تۈرلۈك خىزمەت ئەمەلىيىتىدە ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىشىمىز، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىمۇ ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك. خەلقنىڭ تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئىجادىي ئەمەلىيىتىدىن يېڭى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى ئەقلىي تونۇش يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، يېڭى نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى تاۋلاپ چىقىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە كۈچەپ، ئاممىغا يېقىن بولغان، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەيدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقان، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان نەزەرىيەگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ