دىڭ شۆشياڭ گۇاڭدۇڭ شېنجېندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك

2023.10.18 11:15 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە گۇاڭدۇڭ شېنجېندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى ساھە، يېڭى يول ئېچىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ خېتاۋ شېنجېن - شياڭگاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق رايونى كۆرگەزمە قىلىش - ئالماشتۇرۇش مەركىزىگە بېرىپ، شېنجېن - شياڭگاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى ۋە باغچە رايونىنىڭ ئومۇمىي پىلان قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى، پەن - تەتقىقات خادىملىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك ئېچىۋېتىلگەن، خەلقئارالاشقان پەن تەتقىقات تۈزۈمى مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش؛ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە باغچە رايونىنىڭ تىجارەت باشقۇرۇشىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكا بايلىقىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارادىكى ئىلغار پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى كەڭ دائىرىدە جەلپ قىلىپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىش كېرەك.داجياڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش چەكلىك شىركىتى پۇقراۋى تىزگىنەلىك ئۇچقۇ تەتقىق قىلىپ ياسايدىغان ۋە ئىشلەپچىقىرىدىغان دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز يېڭى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىپ، قوللىنىش ساھەسىنى كېڭەيتتى. دىڭ شۆشياڭ كارخانىنىڭ تېخنىكا تەتقىقاتى، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تىجارەت تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، تىزگىنەلىك ئۇچقۇنىڭ يېزا ئىگىلىك مۇلازىمىتى، تېز يەتكۈزۈش ترانسپورتى، كىنو - تېلېۋىزىيە تاراتقۇسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللىنىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنى يېتەكچى قىلغان ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر بىرلىشىشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىمى، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمال ئېھتىياجىنى يارىتىپ، يېڭى ئەۋزەل كەسىپ ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىش كېرەك.

  يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا پەن - تېخنىكا ۋە مائارىپنىڭ تىرەكلىك رولىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. دىڭ شۆشياڭ پېڭچېڭ تەجرىبىخانىسىغا بېرىپ، تەجرىبىخانا قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى ۋە زور تۈرلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئىگىلىدى. ئۇ تەجرىبىخانىنىڭ دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەر، ئۇل تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ، پەن - تەتقىقات ئورۇنلىرى، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانىلار قاتارلىقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىقتىداردا ئۆز - ئارا تولۇقلايدىغان، ياخشى ھەمتۈرتكە بولىدىغان ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. دىڭ شۆشياڭ يەنە شېنجېن كەسپى تېخنىكا داشۆسىگە كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈش، پەن مائارىپنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، كەسپىي مائارىپ تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن، كەسىپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى دەۋر پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا كىشىلىك غايىسى ۋە قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ كۈنمىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ