شى جىنپىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

​چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

​لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى

2023.10.13 14:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىدە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش بىلەن خىزمەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق كەلگۈسى ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاساس سېلىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ جياڭشىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى مەخسۇس ئاچتى. سۆھبەت يىغىنىدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈەن جياجۈن، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىن خۇڭ، شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن جىنىڭ ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان باشقا ئۆلكىلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يازما سۆز تاپشۇردى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغان سەككىز يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، دەريا بويىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى پائال ئىلگىرى سۈردى، ئىرادىنىڭ زورلۇقى، سالمىقىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولۇپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىدا زور ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىندى. ئىدىيەۋى تونۇشتا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى؛ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، «زۇمرەتتەك دەريا سۈيى شەرققە قاراپ ئۆركەشلەپ ئېقىش»تىن ئىبارەت گۈزەل مەنزىرە قايتا نامايان بولدى؛ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئومۇميۈزلۈك باشلاندى؛ رايونلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدا زور يۈكسىلىش ئىشقا ئېشىپ، رايونلارنىڭ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتى تېز شەكىللەندى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەممىگە ئايان، تەرەققىيات سۈپىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈنسېرى ياخشىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شۇنى كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئۆتۈشتەك ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر تېخى مۇقىم ئەمەس، ئوبيېكتىپ جەھەتتىمۇ يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر مەۋجۇت، داۋاملىق تىرىشىپ كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىتىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىقتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. دەريا بويىدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى ئايرىپ بېكىتىلدى، ئۇنى جەزمەن ساقلاپ، باشقۇرۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئىجازەت تىزىملىكىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئۆز جايىنىڭ ئايرىپ بېكىتىلگەن مۇھىم ئېكولوگىيە بوشلۇقى توغرىسىدا كۆڭۈلدە سان بولۇشى، ئالدىنئالا قوغدىشى، قاتتىق قوغدىشى كېرەك. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بۇلغىنىشنى تۈزەشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقى، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاتموسفېرا ۋە تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئالدىنقى ئۇچتا بۇلغىنىشنى تىزگىنلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى مەنبەدىن ئازايتىش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسىدا «بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل مەنئى قىلىش»نى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ياخشى مۇستەھكەملەش كېرەك. كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنى تېز يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، يېشىل تېخنىكا، يېشىل مەھسۇلاتلارنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېشىللىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەسى ئەۋزەل رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەدىن پايدىلىنىش ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلىشىگە مەدەت بېرىپ، ئېكولوگىيە بايلىقىنى ئىقتىسادىي بايلىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. توغرا يۆنىلىشلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆلەم تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتكۈل ۋادا بويىچە ئېكولوگىيەنى قوغداشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ پەن تەتقىقات ئەۋزەللىكى، ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى ساھەسى، يېڭى مۇسابىقە يولىنى پائال ئېچىپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك. پەن - مائارىپ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈش بىلەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ ئاساسىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش ۋە كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يولىدىكى يېتەكلەش خاراكتېرلىك تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى پائال ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى جەلپ قىلىپ، توپلاپ، پەن - تېخنىكا ئالدىنقى سېپى ساھەلىرىنىڭ ئەسلىي ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەسىپ زەنجىرىنىڭ ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردە زەنجىر بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ شەرق بىلەن غەربنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان، تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدىغان ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ئايلىنىشقا بولغان جەلپ قىلىش كۈچى، تۈرتكىلىك كۈچىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. كەسىپ تەرەققىياتىدا، دەريا بويىدىكى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ھەم ئۆز ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىشى، ھەم ماس تەرەققىي قىلىشى، پەرقلىق تەرەققىي قىلىشى، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىي قىلىشى كېرەك. دەريا بويىدىكى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يۆتكەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەبلەغ، تېخنىكا، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى شەرقىي قىسىمدىن ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمغا، مەركىزىي شەھەرلەردىن مەركىزىي رايونلارغا تەرتىپلىك يۆتكىلىشكە يېتەكلەش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ساھەسى، يېڭى يوللىرىنى پائال كېڭەيتىش كېرەك. دەريا بويىدىكى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، دەريا بويىدىكى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تەجرىبە توپلاش، يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: رايونلارنىڭ ماس يۈرۈشۈشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەريا بويىدىكى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئۆلكىلەر ئارا ئورتاق كېڭىشىش، ئېكولوگىيەنى ئورتاق تۈزەش، پۈتۈن رايون بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، رايونلار قاتنىشىنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشچانلىقى، سىياسەتنىڭ بىردەكلىكى، قائىدىنىڭ بىردەكلىكى، ئىجرانىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە ئورتاق گەۋدىسى ۋە مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. رايونلارنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاپ ۋە قۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش كارىدورى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، قاتناش تورىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە «تاشيول، سۇ يولى، تۆمۈريول» قاتارلىق تىرانسپورت شەكلىنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايونلار قاتنىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، بازار ئىجازىتى، ئادىل رىقابەتلىشىش، ئىجتىمائىي ئىناۋەت قاتارلىق ئاساسىي تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون ھالقىغان، تارماق ھالقىغان، قاتلام - دەرىجە ھالقىغان سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە تەرتىپلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. چاڭجياڭ مەدەنىيىتىنىڭ دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، يېڭى دەۋردىكى چاڭجياڭ مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەدەبىيات - سەنئەت نادىر ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تەبىئىي تاغ - دەريا خاسلىقىغا ۋە تارىخىي ئادىمىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىغا ئىگە بولغان بىر تۈركۈم دەريا بويىدىكى شەھەرلەر، كىچىك شەھەر - بازارلار ۋە گۈزەل يېزا - كەنتلەرنى قۇرۇپ، چاڭجياڭ خەلقئارا ئالتۇن ساياھەت بەلبېغىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، مۇھىم كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى بىخەتەرلىكى، سۇ بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر رايوننىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك. دەريا بويىدىكى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر مەيلى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسىي رايون بولسۇن ياكى ئاشلىق ساتىدىغان ئاساسىي رايون، ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رايونى بولسۇن، ھەممىسى ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى سان، سۈپەت، ئېكولوگىيە بويىچە «ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى تەدرىجىي ھالدا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىك ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، بىيولوگىيەلىك سورت يېتىشتۈرۈش مۇھىم تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى بىرلىك مەھسۇلاتنى كەڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇشقا قارىتىپ، مۇنبەت ئېتىز، ئەلا سورت، ياخشى پۇرسەت، ياخشى ئۇسۇللارنى توپلاشتۇرۇپ كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىك ۋە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت «بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئېقىندىكى رايونلار بىلەن ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىندىكى رايونلارنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. كۆمۈر قاتارلىق تاشقاتما ئېنېرگىيە بايلىقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ياخشى تۇتۇپ، سۇ ئېلېكتىر قاتارلىق ئەۋزەل ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە بىلەن شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلەرنىڭ كۆپ خىل ئېنېرگىيە بىر - بىرىنى تولۇقلىشىغا، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، توك مەنبەسى، ئېلېكتىر تورى، يۈك، ئېنېرگىيە ساقلاشنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تىرىشىپ تىنچ چاڭجياڭ دەرياسى بەرپا قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۇ ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىشنى ئىلمىي ئىگىلەپ، قۇرغاقچىلىق، ھۆلچىلىكنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىش، ئورتاق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇ سىستېمىلىرىنى تۇتاشتۇرۇش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، سۇ - تۇپراقنى ساقلاشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ۋادى سۇ قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش بىرلەشمە ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رايون ھالقىغان سۇ بايلىقىنى سۇ مول ۋە سۇ كەمچىل مەزگىللەردە تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، ۋادىنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەز بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ئۆلكىلەر باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز رايونلار ماس تەرەققىيات رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرلەرگە مەدەت بېرىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم زور ئىسلاھاتلارغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دەريا بويىدىكى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خىزمەتلەرنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، كەڭ كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سېلىنمىنى زورايتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. «چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات يىرىك پىلانى پىروگراممىسى»نىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تەكشۈرۈش، باھالاش ۋە نازارەت قىلىشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى رايونلارنىڭ مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقىشى ۋە تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  لى چياڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆلەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش كېرەك. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق ئىقتىسادنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، مەۋقەنى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىككە قويۇپ، فۇنكسىيەلىك ئورنىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى ئېقىندىكى رايونلارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، رايون ئىچىدىكى «يۇمشاق ماتېرىيال» «قاتتىق ماتېرىيال»نى بىرلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ئايلىنىشقا پائال سىڭىشىپ، ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنىڭ ھەمتۈرتكە ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، فۇنكسىيەلىك ئورنى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، دېڭىز بويى، دەريا بويى، چېگرا بويى ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  لى گەنجيې، خې لىفېڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، مۇ خۇڭ، جياڭ شىنجى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار جايلار، ئالاقىدار كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ