شى جىنپىڭ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ ھەم ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ

2023.10.13 09:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، باش تېمىسى «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى». دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ ھەم جۇڭگوغا باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئېلىش زىياپىتى ۋە ئىككى تەرەپ پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ