مۇھىم خەۋەرلەر

يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتايلى

− مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

2023.10.16 01:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەت زور، بۇرچ شەرەپلىك. يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنىدا شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە سىستېمىلىق بايان قىلىندى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، مۇنداق تەكىتلەندى: «مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق تۈرلۈك ۋەزىپە - تەلەپلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىقتىدارى، قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خىزمەت سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈش كۈرىشى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك».

  تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، دەۋر تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، مۇنداق تەكىتلىدى: «بايراق روشەن ھالدا پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى تەشۋىقات، ئىدىيە سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك» «پارتىيە تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيونلار گېزىت چىقىرىش، ژۇرنال چىقىرىش، ئىستانسا باشقۇرۇش، ئاخبارات تور بېكىتى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك»، مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىدېئولوگىيە خىزمىتى پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم خىزمىتى» «پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك»، مۇنداق تەلەپ قىلدى: «تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن پۈتۈن پارتىيە ھەرىكەتكە كېلىش كېرەك» «زور تەشۋىقات خىزمىتى ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ھەرقايسى سەپ، ھەرقايسى تارماقلارنى بىرلىكتە ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك». يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە يېڭى دەۋر تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسى ۋەزىيىتىدە پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى.

  پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا «مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىش»نى چۆرىدەپ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا داۋاملىق تۈردە مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈش بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنىدا، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش سىياسىي ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى چۆرىدەپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشقا ئەمەل قىلىپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە جەھەتتىن كۈچەش» تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.

  يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشتا، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشكە، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك؛ يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش ئارقىلىق ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى پىكىرگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك؛ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى تارقىتىش كۈچى ۋە ئۇنىڭ تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ قەتئىي تۈردە ئىدېئولوگىيە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش، دادىل كۈرەش قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ ھەم تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ۋەزىپە ۋە تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتكەندىلا، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات، مەدەنىيەت تارماقلىرى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھ قىلىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، دادىل ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك.» سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھ قىلىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى پىكىر يولى، يېڭى مېخانىزمنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە تەتبىقلاشقا ماھىر بولۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇش كېرەك. قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، قابىلىيىتى يۇقىرى ۋە كۈچلۈك، ئەمەلىيەتچىل بولغان، يېڭىلىق يارىتالايدىغان، غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  ھەقىقەت يولى ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىسەكلا، چوقۇم سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ