لى چياڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشتە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك

2023.10.11 00:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە جېجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ رەقەملىك ئىقتىسادنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىش، رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش داۋامىدا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئېنېرگىيە قوشۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك.

  لى چياڭ ئالدى بىلەن خەيكاڭ ۋېيشى رەقەملىك تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، نەرسە بىرلەشمە سەزگۈسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ۋە رەقەملەشكەن ئېنېرگىيە بېرىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كارخانىنى نىشاننى بېكىتىپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى. لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ئىنتايىن كەڭ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا تىرىشىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  چيەنتاڭ رايونى كارخانا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىدە، لى چياڭ جېجياڭنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئاشۇرۇش ئىسلاھاتى ئەھۋالىنى ئاڭلاپ، ئىش بېجىرىشكە كەلگەن كارخانا خادىملىرى ۋە مەركەز خىزمەتچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جېجياڭنىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي بايلىقنى قوزغىتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق قوشۇلما قىممەت مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سىياسەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەۋسىيە قىلىپ، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  لى چياڭ خاڭجوۋ چېڭشى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش چوڭ كارىدورىنى كۆزدىن كەچۈردى. جېجياڭ چياڭناۋ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، شىركەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئاڭلاپ، مېيىپلىق، تەنھالىق كېسىلى، ئۇيقۇسى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلارغا قارىتىلغان مېڭە بىلەن كومپيۇتېرنى ئۇلاش ئېغىزى مەھسۇلاتلىرىنى كۆردى. لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ خەلققە بەخت يارىتىشى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، قوللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى چياڭ گۇاڭلى مىكرو ئېلېكترون پاي چەكلىك شىركىتىدە جېجياڭ توپلاشتۇرۇلغان توك يولى كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، شىركەتنىڭ تېخنىكا تەتقىقاتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن-تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  لى چياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، جېجياڭدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە قىسمەن كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى. لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. رەقەملىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. دىققەتنى چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە ھېسابلاش كەسپى، يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئالدىنقى سەپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، رەقەملىك كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يېڭى مۇسابىقە يولىدا تىرىشىپ ئالدىدا مېڭىش كېرەك. تور، ھېسابلاش كۈچى، ئەمەلىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رەقەملەشتۈرۈش دولقۇنىمۇ بىر خىل ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك كۈچ، بۇ يۈزلىنىشكە ماسلىشىپ، رەقەملەشتۈرۈش تىپىنى ئۆزگەرتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە كۈچ قوشۇش كېرەك. نۆۋەتتە بولۇپمۇ رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ياسىمىچىلىقنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئاچقۇچلۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

  لى چياڭ جېجياڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، جېجياڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جېجياڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سەككىز ئەۋزەللىك، سەككىز تەدبىر» ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشتە باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، ئالدىدا مېڭىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ۋۇ جېڭلۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.



  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ