دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەرنى تەيىنلىدى، قالدۇردى

2023.10.10 01:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى:

  بىرىنچى، ۋاڭ يۈ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  جاۋ شىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.

  ئىككىنچى، نۇڭ رۇڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  جياڭ زەيدۇڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.

  ئۈچىنچى، چى دايۈ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋېنگىرىيەدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  گۇڭ تاۋ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋېنگىرىيەدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.

  تۆتىنچى، تاڭ سۇڭگېن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىرىباتى جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  جوۋ لىمىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىرىباتى جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.

  بەشىنچى، زوۋ شياۋلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  ۋاڭ ۋېي جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.

  ئالتىنچى، ۋاڭ گاڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇگۋاي شەرقىي قىرغاق جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  خۇاڭ ياجۇڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇگۋاي شەرقىي قىرغاق جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.

  يەتتىنچى، لى سۇڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش باشقارمىسى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلىلىك، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ئىشلىرى باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  شېن جيەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش باشقارمىسى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ئىشلىرى باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.

  سەككىزىنچى، لى چاۋ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېستونىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  گو شياۋمېي (ئايال) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېستونىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.

  توققۇزىنچى، يۈ بو جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوندۇراس جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.

  ئونىنچى، لەن خۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كولومبىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  جۇ جىڭياڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كولومبىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ