شى جىنپىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشقا ئەمەل قىلىپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

سەي چى مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2023.10.10 09:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ: تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت، دەپ كۆرسەتتى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، ئىدېئولوگىيە ساھەسى ۋەزىيىتىدە پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، روھىي قىياپىتى تېخىمۇ روھلۇق، كۆتۈرەڭگۈ بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ ـ خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى، جەزمەن يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتىش كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ باش سىياسىي ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا داۋاملىق تۈردە مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى چۆرىدەپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشقا ئەمەل قىلىپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچەپ پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، كۈچەپ قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىپ، كۈچەپ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كۈچەپ ئاخبارات ئاممىۋى پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كۈچەپ جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كۈچەپ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كۈچەپ خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيەگۇرۇپپا)لىرى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات، مەدەنىيەت تارماقلىرى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھ قىلىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنى 10 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنىدىن 8 ـ كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، مۇپەسسەل، چوڭقۇر، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، جەزمەن چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى ئەڭ تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ئىنتايىن مول، بايانلىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى يەكۈنى، ئۇ ماركسىزملىق مەدەنىيەت نەزەرىيەسىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەدەنىيەت سەھىپىسىنى ھاسىل قىلدى، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

  يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىدە ھەم مەدەنىيەت نەزەرىيە قارىشىدا يېڭىلىق يارىتىلغان ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان، ھەم مەدەنىيەت خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپ بار بولۇپ، ئاساسىي گەۋدىسى ئېنىق، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك، ئاساسىي گەۋدە بىلەن ئەمەلىي قوللىنىشچانلىق تۇتاشتۇرۇلغان، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يول خەرىتىسى ۋە ۋەزىپەنامىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بەردى، پارتىيەمىزنىڭ تارىخ ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى ھەم دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىشنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان، ئوچۇق شەكىلدىكى ئىدىيە سىستېمىسى بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا ئەمەلىيەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز بېيىيدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىش ھەم ئۇنى ئاڭلىق ھالدا تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشكە، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكىرنى مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش ئارقىلىق ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى پىكىرگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. قەتئىي تۈردە ئىدېئولوگىيە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش، دادىل كۈرەش قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھ قىلىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق تۈرلۈك ۋەزىپە ـ تەلەپلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىقتىدارى، قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خىزمەت سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈش كۈرىشى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى شۇلېي خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

  مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، خەلق گېزىتخانىسى، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  تيې نىڭ، شېن يىچىن يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركەز تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەزنىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، قىسمەن كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ