19 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خاڭجوۋدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

لى چياڭ ئاياغلىشىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2023.10.10 09:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە شادلىق دولقۇنى مۇجەسسەملەندى، مۇشۇ پەيتتە ھەممە بىللە جۇلالاندى. 19 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 10 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى كەچتە خاڭجوۋدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ئاياغلىشىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ئۆتكەن 16 كۈندە، ئاسىيادىكى 45 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى بۇ جايدا ئىتتىپاقلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دوستلۇققا ئېرىشتى، جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ئۆزىدىن ھالقىدى، جەمئىي 15 قېتىم دۇنيا رېكورتىنى، 37 قېتىم ئاسىيا رېكورتىنى، 170 قېتىم ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاسىيا تەنتەربىيەسىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسى ۋە شان ـ شەرىپىنى ئورتاق ياراتتى. جۇڭگو «يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، تېجەشلىك، مەدەنىي» بولۇشتىن ئىبارەت مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەيدان ـ ساراي ئەسلىھەلىرى، قالتىس تەشكىللەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشى چوڭ ئائىلىسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە كەڭ تۈردە ياخشى باھاغا ئېرىشتى. جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 201 ئالتۇن مېدالغا، 383 مېدالغا ئېرىشىپ، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇدا 11 ـ قېتىم ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن مېدال تىزىملىكىدە 1 ـ ئورۇندا تۇردى.

  چيەنتاڭجياڭ دەرياسى بويىدا، تۈن پەردىسى ئاستىدا رەڭگارەڭ نۇر چېچىپ تۇرغان خاڭجوۋ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى تەنتەربىيە مەيدانى خۇددى گۈزەل «چوڭ نېلۇپەر گۈلى»گە ئوخشاپ قالغانىدى. مەيدان ئىچىدە كۈلكە سادالىرى ياڭراپ، ناخشا ـ ئۇسسۇللار جەۋلان قىلدى. ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى رايونلاردىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر بۇ جايغا جەم بولۇپ، ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان تەنھەرىكەت ـ مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسىدىن بەھرىمەن بولدى.

  شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، لى چياڭ ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى سىنگ قاتارلىقلار بىلەن رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، كۆرۈرمەنلەرگە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى.

  دەل سائەت 20دە، «ئەڭ سېغىنىدىغىنىم خاڭجوۋ»نى باش تېما قىلغان ئاياغلىشىش مۇراسىمى باشلاندى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى، چاقناپ تۇرغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا ـ ئاستا كۆتۈرۈلدى.

  چوڭ ئېكراندا قويۇلۇۋاتقان «ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە شادلىق دولقۇنى مۇجەسسەملەندى» ناملىق باشلىنىش قىسقا فىلىمى بىلەن شادلىق كېچىسى باشلاندى. «مۇشۇ پەيتتە ھەممە بىللە جۇلالاندى» ناملىق نومۇردا «Asia» بەلگىسى دەريا يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ، چيەنتاڭجياڭ دەرياسى ئاسمىنىدىن لەيلەپ ئۆتۈپ، سۇ دولقۇنى بىلەن بىرلىكتە نەق مەيدانغا «ئاسماندىن ئېقىپ چۈشكەن»لىكىدەك كۆرۈنۈش شەكىللەندۈردى. رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان چىملىقتا 19 تال غايەت زور گۇيخۇا گۈلى، ئەتراپىدىكى جۇلالىنىپ تۇرغان گۈللەر، «Asia» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن يۆتكەلمە سۇپا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان «ئاسىيا گۈللۈكى»نى ھاسىل قىلدى. كوچا ئۇسسۇلى ئۆسمۈرلىرى، يۆتكەلمە سۇپىدىكى ئارتىسلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، تەنھەرىكەت ئارتىسلىرى تۈرلۈك تەنھەرىكەت قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، قۇت بەلگىسى «جياڭنەن ئەسلىمىلىرى» شادىيانە ھەرىكەتلىنىپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى.

  ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بايرىقى ۋە تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى مەيدانغا كىردى. پۈتۈن مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەر قىزغىن چاۋاك سادالىرى ۋە ئالقىشلار بىلەن تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

  «ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى سەرخىل دەقىقىلەر» ناملىق قىسقا فىلىمدە ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدىكى تەنتەربىيە گۈزەللىكىگە تولغان كۆرۈنۈشلەر قايتا نامايان بولدى. «نېلۇپەر بىلەن گۇيخۇا گۈلى بىرلىكتە جۇلالاندى» ناملىق نومۇر ئورۇنلىنىپ، جان تىكىپ ئېلىشىش ۋە شان ـ شەرەپ مۇجەسسەملەنگەن «ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەسلىمە گۈللىرى» كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، پورەكلەپ ئېچىلىپ، «گۈل ئۈزۈپ دوستىغا سوۋغا قىلىش»تەك چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى ۋە ئىناق بىللە ياشاشتەك گۈزەل ئارزۇ يەتكۈزۈلدى. «ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى تەسىرلىك دەقىقىلەر» ناملىق قىسقا فىلىمدە غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەت، ھاياجان ۋە ئەپسۇسلىنىش، ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇق، شادلىق ۋە كۆز يېشى قاتارلىق تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر بىر ـ بىرلەپ نامايان قىلىندى.

  خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى گاۋ جىدەن سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ مۇسابىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە بولغان سەمىمىي ئۈمىدى ۋە ئېنىق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، بىز «جۇڭگو خاسلىقىغا ئىگە، ئاسىيا سالاپىتىنى نامايان قىلىدىغان، قالتىس بولغان» بىر نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسى ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت تەنتەنىلىك ۋەدىمىزنى ئىشقا ئاشۇردۇق. تەنتەربىيە ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىغدۇرۇشچانلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقايلى.

  ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى سىنگ سۆزىدە: بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىنتايىن قالتىس، ئۇنتۇلغۇسىز بولۇپ، مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى، خاڭجوۋ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، دېدى. سىنگ خاڭجوۋ 19 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ئۈچ يىلدىن كېيىن ئەيجى . مىڭگۇۋۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جەم بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.

  ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ مارشىغا ئەگىشىپ، ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ بايرىقى ئاستا ـ ئاستا چۈشۈرۈلدى.

  ئاندىن ئۆتكۈزۈپ بېرىش ـ ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى، خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياۋ گاۋيۈەن 1 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى ۋە مۇسابىقە بايرىقى، ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ بايرىقىنى ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى سىنگقا ئۆتكۈزۈپ بەردى. سىنگ 1 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى ۋە بايرىقى، ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ بايرىقىنى كېلەر نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغان شەھەر بولغان ياپونىيە ئەيجى ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى داسۈن شيۇجاڭ ۋە مىڭگۇۋۇ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى جۇڭتيەن يىڭشيۇڭغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  ياپونىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىلىپ، ياپونىيە دۆلەت شېئىرى ئورۇنلانغاندىن كېيىن، ئەيجى ناھىيەسى ۋە مىڭگۇۋۇ شەھىرى سەككىز مىنۇتلۇق ئېسىل ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرى ئورۇنلىدى.

  جياڭنەن گۈزەل، مېھىرلىك جاي. «ئەڭ سېغىنىدىغىنىم خاڭجوۋ» ناملىق قىسقا فىلىمدە، «خوشلىشىش» ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلىرى، خاڭجوۋ شەھەر ئاھالىلىرى ئاساسلىق پېرسوناژ قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ بۇ دەقىقىلەردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغانلىقى، قول پۇلاڭلىتىپ خوشلاشقانلىقى، ئۆزئارا بەخت تىلىگەنلىكى نامايان قىلىندى.

  سائەت 21دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى «رەقەملىك مەشئەل يەتكۈزگۈچى» نەق مەيدانغا يۈگۈرۈپ كىردى. ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى «شياۋچىڭخې» پىدائىيلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇچىلار ۋەكىللىرى ئالدىغا چىقىپ، «رەقەملىك مەشئەل يەتكۈزگۈچى» بىلەن بىرلىكتە ئاساسىي مەشئەلنىڭ ئۆچۈرۈلۈشىگە گۇۋاھ بولدى. يالقۇننىڭ ئاستا ـ ئاستا ئۆچۈشىگە ئەگىشىپ، «رەقەملىك مەشئەل يەتكۈزگۈچى» يىراققا يۈرۈش قىلىپ، ئاسماننى قاپلىغان يۇلتۇزلارغا ئايلىنىپ، ئاسىياغا چېچىلدى، ھەممە ئائىلىنى يورۇتتى...

  جۇلالىق چىراغ نۇرلىرى كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى. مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن خاڭجوۋ، نىڭبو، ۋېنجوۋ، خۇجوۋ، شاۋشىڭ، جىنخۇادىن ئىبارەت ئالتە شەھەرنىڭ ئۆزگىچە ئامىللىرى نامايان قىلىنغان بېزەك ئاپتوموبىللىرى مەيدان ئىچىدە ئايلاندى. ناخشا، چاۋاك، ئالقىش سادالىرى كۆككە يەتتى، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ كەيپىياتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. شادلىق دېڭىزىدا قەلبلەر يۇغۇرۇلدى، قايتا كۆرۈشۈشكە تەقەززا بولدى.

  ئاياغلىشىش مۇراسىمىغا خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلاردىن ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئارىپوف، شەرقىي تىمورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى فافاڭ قاتناشتى.

  ۋۇ جېڭلۇڭ، شېن يىچىن ئاياغلىشىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئاياغلىشىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ