لى شياۋپېڭ قولغا ئېلىندى
2023.10.13 10:50 مەنبە: خەلق تورى
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە لى شياۋپېڭنى قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى.
مۇخبىرنىڭ 12-چېسلا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو گۇاڭدا گۇرۇھى پاي شىركىتى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش مۇدىرى لى شياۋپېڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. يېقىندا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن لى شياۋپېڭنى قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى. بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بېجىرىلىۋاتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ