مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنەيلى، ئىزچىللاشتۇرايلى

− مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

2023.10.12 00:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  بارلىق ئۇلۇغ ئەمەلىيەتنىڭ ھەممىسى ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ توغرا يېتەكلىشىگە موھتاج. تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جەزمەن ئىلمىي نەزەرىيەنى يېتەكچى قىلىپ، نەزەرىيە تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى توغرىسىدىكى نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى ياخشى يەكۈنلەپ ۋە ياخشى قوللىنىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئورنى، رولىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، مۇپەسسەل ھەم چوڭقۇر مەنىگە ئىگە، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

  10 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنىدىن 8 ـ كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېچىشنى قارار قىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى − شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ۋە سىستېمىلىق بايان قىلىنغانلىقى بولدى، بۇ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەدەنىيەت گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مەدەنىيەت قۇدرەت تاپسا مىللەت قۇدرەت تاپىدۇ. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسى ۋەزىيىتىدە پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى كەڭ تارقىتىلدى، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلاندۇرۇش ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلدى، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپى كۈنسېرى گۈللەندى، تور ئېكولوگىيەسى سىجىل ياخشىلاندى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، روھىي قىياپىتى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تارىخىي ئاڭلىقلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىنى پۈتمەكتە. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى ئەڭ تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.

  بايراق كۆتۈرۈپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئىدىيە، مەدەنىيەتنىڭ بىر ـ بىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئىدىيە ـ قاراشلارنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭى دەۋردىن بۇيان، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان يىغىنلارنىڭ زىچ بولۇشى، چىقارغان تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەتراپلىق بولۇشى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىلغان بايانلىرىنىڭ مول، سىستېمىلىق، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق بولۇشى پارتىيە تارىخىدا ئاز ئۇچرايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم مەملىكەتلىك تەشۋىقات ـ ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى، ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمىتى، پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمىتى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا رىياسەتچىلىك قىلىپ يىغىن ئاچتى ھەم بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلدى، كۆپ قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى جەھەتتىكى بىر قاتار يىرىك پىلان ۋە لايىھەلەر قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ھەرقايسى جايلاردا تۈرلۈك مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تۈرلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم بىر قاتار تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، كۆپلىگەن مۇھىم خەلقئارا سورۇنلاردا يەرشارىۋى مەدەنىيەت، مەدەنىيلىك تەرەققىياتى ۋە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا قارىتا بىر قاتار جۇڭگو مەيدانى، جۇڭگو لايىھەسىنى ئېنىق ئىزاھلىدى. 2018 ـ يىلى 8 ـ ئايدىكى مەملىكەتلىك تەشۋىقات ـ ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «توققۇزدا چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق پارتىيەمىزنىڭ تەشۋىقات ـ ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلىدى؛ بۇ يىل 6 ـ ئايدا مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى «14نى تەكىتلەش»نى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مەدەنىيەتكە رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىدا چىڭ تۇرۇش، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نى چوڭقۇر چۈشىنىش، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىش قاتارلىق مۇھىم ئىجادىي قاراشلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ بۇ قېتىم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا يەنە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە قارىتا «يەتتە جەھەتتىن كۈچەش» تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قاراشلىرى، يېڭى ھۆكۈملىرىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ئىنتايىن مول، بايانلىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى يەكۈنى، ئۇ ماركسىزملىق مەدەنىيەت نەزەرىيەسىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەدەنىيەت سەھىپىسىنى ھاسىل قىلدى، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

  شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىدە ھەم مەدەنىيەت نەزەرىيە قارىشىدا يېڭىلىق يارىتىلغان ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان، ھەم مەدەنىيەت خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپ بار بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن، نەزەرىيە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلگەن، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يول خەرىتىسى ۋە ۋەزىپىنامىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بەردى، پارتىيەمىزنىڭ تارىخ ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى ھەم دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىشنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان، ئوچۇق شەكىلدىكى ئىدىيە سىستېمىسى بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا ئەمەلىيەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز بېيىيدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ.

  پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ھەربىر قەدەم ئىلگىرىلىسە، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قەدەم ئىلگىرىلىشى كېرەك. بىز شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىشىمىز ھەم ئۇنى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ باش سىياسىي ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا داۋاملىق تۈردە مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

  تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ ـ خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى، جەزمەن يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتىش كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ