مۇھىم خەۋەرلەر

ئىدىيە بايرىقى ئارقىلىق يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، قېتىرقىنىپ ئەمەلىي ئىشلەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2023.10.11 00:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنى 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ئىنتايىن مول، بايانلىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى يەكۈنى، ئۇ ماركسىزملىق مەدەنىيەت نەزەرىيەسىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەدەنىيەت سەھىپىسىنى ھاسىل قىلدى، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

  كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

  شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى

  يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار مۇنداق قارىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى ئەڭ تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان يىغىنلارنىڭ زىچ بولۇشى، چىقارغان تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەتراپلىق بولۇشى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىلغان بايانلىرىنىڭ مول، سىستېمىلىق، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق بولۇشى پارتىيە تارىخىدا ئاز ئۇچرايدۇ.

  بايراق يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئىدىيە كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، كۆرگەزمە سارىيىنىڭ باشلىقى ۋۇ شياڭدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ قېتىمقى يىغىندا شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ شانلىق تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلىدۇ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، نەزەر دائىرىسى كەڭ، قەدىمكى بىلەن ھازىرقى تۇتاشتۇرۇلغان، بايانلىرى چوڭقۇر، ئۇلۇغ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت كۈچى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى».

  «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىدە ھەم مەدەنىيەت نەزەرىيە قارىشىدا يېڭىلىق يارىتىلغان ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان، ھەم مەدەنىيەت خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپ بار بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن، نەزەرىيە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلگەن، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بەردى، پارتىيەمىزنىڭ تارىخ ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.» جۇڭگو خەلق داشۆسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاۋ ۋېنجاۋ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتقىق قىلغۇچى، تارقاتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى نەزەرىيەۋىلەشتۈرۈپ بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش، ئىلىملەشتۈرۈپ ئىپادىلەش، سىستېمىلاشتۇرۇپ بەرپا قىلىشنى ياخشى ئىشلەشتە باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم بار.

  «مەن ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن پىرىنسىپ خاراكتېرلىك نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ ياخشى بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش بىلەن بىللە، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەمىزنىڭ بۇ يېڭى ئىدىيە نەتىجىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىش، ئىگىلەشكە يېتەكلەيمەن» دېدى تاۋ ۋېنجاۋ.

  جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتى دۆلەت ئىچى خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جيا مۇنداق بىلدۈردى: «يېڭى دەۋردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنى چۆرىدەپ نۇرغۇن يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ ئاكتىپ كۈچى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى، ئاساسىي مېلودىيەسى بارغانسېرى روھلۇق، كۆتۈرەڭگۈ بولدى».

  فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې شەھىرىنىڭ فۇئەن شەھىرى شياچى كەنتىدە «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان نىڭدې شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لياڭ ۋېيشىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى.

  «يولداش شى جىنپىڭ نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان مەزگىلدىلا <پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش>نى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئۇنى <تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش>تە باش ئورۇنغا قويغان. بۇ قېتىمقى مۇھىم يوليورۇقتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ <بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت> ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.» لياڭ ۋېيشىن مۇنداق بىلدۈردى: بىلىش قانچە ئېنىق بولسا، ھەرىكەت شۇنچە پۇختا بولىدۇ. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىدە جەزمەن يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتىش كېرەك

  ئىدېئولوگىيە خىزمىتى دۆلەت ئۈچۈن ئىرادە تىكلەيدىغان، مىللەت ئۈچۈن روھ تۇرغۇزىدىغان خىزمەت.

  يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندۇق، يېڭى خىرىسنى كۈتۈۋالدۇق. تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى، جەزمەن يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا «پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش» تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ باش سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىندى. بۇ، دۆلەت رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ مېيرۇنى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا قارىتا تېخىمۇ ئېنىق تونۇشقا ئىگە قىلدى.

  «بىر مەزگىلدىن بۇيان، دۆلەت رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى <ئىدىيەنىڭ كەڭ دالاسى> <ئىدىيە نۇرىغا چۆمۈلگەن تاغ - دەريالار> قاتارلىق بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك تېلېۋىزىيە نەزەرىيە پروگراممىلىرىنى پىلانلاپ تەشكىللەپ، ئىجاد قىلىپ تارقىتىپ، ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نەزەرىيە پىروگراممىلىرىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە تارقىتىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، <ئەھمىيەتلىك> داۋلىنى <مەنىلىك> سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھالدا پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز كىرىشىگە تۈرتكە بولىمىز» دېدى ليۇ مېيرۇ.

  ئەنخۇي سىفەن داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى لۇ بىڭخۇي باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا مەخسۇس ئوتتۇرىغا قويغان «كۈچەپ قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىش» دېگەن سۆزگە قارىتا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى.

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، لۇ بىڭخۇي ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، ماڭغاچ كۆرۈپ ۋە پىكىر يۈرگۈزۈپ، بىر قېتىملىق «ھەرىكەتچان ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس»نى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈش جەريانىدا دۆلەت ئەھۋالىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

  «ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بازىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، قوغدىغۇچىلىرى. مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىمەن» دېدى لۇ بىڭخۇي.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا: «كۈچەپ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. بۇ سۆزدىن خېبېي ئۆلكىسى شىڭتەي شەھىرى چىڭخې ناھىيەسىدىكى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جاڭ شەنچياڭ زىممىسىدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدى.

  «يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزى ئاممىنىڭ يېنىدىكى <مەنىۋى ماي قاچىلاش پونكىتى>، ئاھالىلەرنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلەش بىزنىڭ خىزمىتىمىزدىكى مۇھىم مەزمۇن.» جاڭ شەنچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنى مول بولغان تېخىمۇ كۆپ تەشۋىقات، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ھەقىقىي سىڭىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

  جېجياڭ شاۋشىڭغا جايلاشقان شەرقىي جېجياڭ قانىلى مەدەنىيەت باغچىسىغا كىرگىنىمىزدە، ھەممە يەر مەدەنىيەت كەيپىياتىغا تولغانىدى. «كۈچەپ جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى شەرقىي جېجياڭ قانىلى مەدەنىيەت باغچىسىنىڭ مەسئۇلى فۇ شيۇمېينى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى.

  «يېقىندا، باش شۇجى مەدەنىيەت باغچىسىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، <چوڭ قانال مەدەنىيىتى جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، پايدىلىنىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك> دەپ مەخسۇس تاپىلىدى. بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.» فۇ شيۇمېي مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، باغچىغا «قانال»غا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسىپلىرىنى توپلاپ، قانال مەدەنىيىتىنى ئېچىپ پايدىلىنىش، جانلاندۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، قەدىمىي چوڭ قانالنىڭ دەۋر يېڭى قىياپىتىنى جۇلالاندۇرىمىز.

  يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى، ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات، مەدەنىيەت تارماقلىرىغا ئېنىق تەلەپ قويۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى خىزمەت ئىقتىدارى، قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خىزمەت سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئۆگەنگەندە، جىلىن ئۆلكىسى بەيچېڭ شەھىرى جېنلەي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۇڭ چاڭيىڭ «باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش» قاتارلىق مەزمۇنلارغا نۇقتىلىق بەلگە قويدى. «بۇ دەل بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشىش يۆنىلىشىمىز. ئاممىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، پۇقرالار ياقتۇرىدىغان، ئاسان چۈشىنىدىغان تەشۋىقات شەكلىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، چوقۇم ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك.» سۇڭ چاڭيىڭ مۇنداق بىلدۈردى: يەرلىك خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت بايلىقىنى تولۇق قېزىپ، شۇ جايدىكى ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ياخشى ساداسىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزىمىز.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات، مەدەنىيەت تارماقلىرى «دادىللىق، ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىشى» كېرەك، دەپ ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويدى. دۆلەت مۇداپىئە داشۆسى ھەربىي ئىشلار مەدەنىيىتى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لى رېنجيەن بۇنىڭغا قارىتا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى.

  «ھازىر، ئىدىيەۋى ئاممىۋى پىكىر ساھەسىدە ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەتنى ئۇرغۇتۇش، پائال ئالغا ئىلگىرىلەش، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرى ئۆرلەش ئاساسىي مېلودىيە بولۇۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر قىسىم قۇلاققا ياقمايدىغان شاۋقۇن - سۈرەنلەرمۇ بار، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىس يەنىلا مەۋجۇت، شۇڭا كۈرەش قىلىش روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.» لى رېنجيەن مۇنداق بىلدۈردى: ئارمىيە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدە پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ «ئاۋانگارت ئۆتكۈر شەمشەر»لەرنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىمىز.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە «پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش» نى تەلەپ قىلدى. بۇ سۆزدىن خەلق گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شو خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى ھېس قىلدى.

  «مەركەز ئاخبارات ئورنىنىڭ مۇخبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن <جاپادىن قورقماي، ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ، ياخشى خەۋەر يېزىپ چىقىش> ياخشى ئەنئەنىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىدىيەۋىلىككە، ھارارەتكە ئىگە، سۈپەتلىك نادىر، ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەۋى ئاممىۋى پىكىرنى مۇستەھكەملەش، زورايتىشقا كۈچ قوشىمەن» دېدى جاڭ شو.

  جۇڭگو جىڭگاڭشەن كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ خىزمەتچى خادىمى جۇ ۋېنخۇڭ مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» دېگەن تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. «بىز شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى باھالاش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈچەپ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكى غايە - ئېتىقادى مۇستەھكەم، نەزەرىيە ئاساسى پۇختا، ئەمەلىي قابىلىيىتى يۇقىرى بولغان بىر تۈركۈم كادىر، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئۆز خىزمىتىمىز ئارقىلىق ئاكتىپ كۈچنى ئۇرغۇتۇش، يېڭى مۇساپىنى قوغداشقا كۈچ قوشىمىز».

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ