مۇھىم خەۋەرلەر

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگۈچىلەر دىققەت: بۇ «ئىمتىھاندىن كېيىنكى ئەسكەرتمە»نى تاپشۇرۇۋېلىڭلار

2023.06.13 23:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2023-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاياغلاشتى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ نېمە ئىش قىلىسىز؟ ئۇخلامسىز، تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرەمسىز ياكى ساياھەتكە بارامسىز؟

  تەتىللىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىخەتەرلىك مەسىلىسىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. مۇھەررىر كۆپچىلىككە «ئىمتىھاندىن كېيىنكى ئەسكەرتمە» تەييارلىدى. ساۋاقداشلار، تاپشۇرۇۋالغايسىلەر!

  01

  سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ!

  يازلىق تەتىل سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشتىكى نۇقتىلىق مۇداپىئە مەزگىلى. ئوقۇغۇچىلار سۇغا تۇنجۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشتىكى «ئالتىنى قىلماسلىق»نى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك: ئۆز مەيلىچە سۇ ئۈزمەسلىك، ئۆز مەيلىچە باشقىلار بىلەن بىللە سۇ ئۈزمەسلىك؛ ئاتا-ئانىلىرى ياكى ئوقۇتقۇچىلىرى يېتەكچىلىك قىلمىغان ئەھۋالدا سۇ ئۈزمەسلىك؛ ناتونۇش سۇ تەۋەلىكىدە سۇ ئۈزمەسلىك؛ بىخەتەرلىك ئەسلىھەسى، قۇتقۇزغۇچىسى بولمىغان سۇ رايونلىرىدا سۇ ئۈزمەسلىك؛ سۇ ئەھۋالىنى ئېنىق بىلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سۇغا چۈشۈپ ئادەم قۇتقۇزماسلىقى كېرەك. خەتەرلىك ئەھۋال بايقالسا بىر-بىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشى، نەسىھەت قىلىشى ھەمدە دوكلات قىلىشى كېرەك؛ ئۆزىنى قوغداش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلىنى بىلىش كېرەك.

  02

  قاتناش بىخەتەرلىكى

  سەپەرگە چىققاندا، قاتناش قانۇن-نىزاملىرىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، «بىر قالپاق، بىر بېزىندە» بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش؛ «بەش خىل ئاپتوموبىل»نى ھەيدىمەسلىك، ئولتۇرماسلىق؛ نورمىدىن ئارتۇق ئادەم ياكى يۈك باسقان ئاپتوموبىلغا ئولتۇرماسلىق؛ شوپۇرلىرىدا مەسىلە بار (ھاراق ئىچكەن، چارچاپ يول يۈرگەن) ئاپتوموبىلغا ئولتۇرماسلىق؛ ئوقۇغۇچىلار ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى كېنىشكىسىز ھەيدىمەسلىك؛ توكلۇق ۋېلسىپىت ھەيدەشتە ئاتا-ئانىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسماسلىق، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدىمەسلىك كېرەك.

  03

  ساياھەت بىخەتەرلىكى

  ساياھەتكە چىقىشىتىن بۇرۇن زۆرۈر بىخەتەرلىك ساۋاتلىرىنى ئىگىلەش كېرەك. مەسىلەن، يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلارنى ئىگىلەش، ساياھەتكە چىقىشتىن بۇرۇن ئۆيدىكىلەر بىلەن تولۇق مەسلىھەتلىشىش، سەپەر جەريانىدا ھەرۋاقىت قويۇق ئالاقىنى ساقلاش، ھەرقانداق ئېكىسپېدىتسىيە، تەۋەككۈلچىلىك پائالىيەتلىرىگە قاتناشماسلىق كېرەك.

  04

  قوشۇمچە خىزمەت قىلىش بىخەتەرلىكى

  نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن قوشۇمچە خىزمەت قىلىش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇپ تەجرىبە توپلاشنى تاللايدۇ. ئەمما، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى چوڭقۇر بولمىغانلىقتىن، ئاسانلا ساختا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرى تەرىپىدىن ئالدىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەملىشىپ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ، يېتەكچى پىكىر بېرىپ، بالىلارنىڭ ئالدىنىپ قېلىشى ۋە شاخلىتىپ سېتىش قىلتىقىغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  05

  ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەلۋىلەرچە ئويناشنى توسۇش كېرەك

  ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەلۋىلەرچە ئويناش، قالايمىقان يەپ-ئىچىش ئاسانلا بەدەننىڭ نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بىيولوگىيەلىك سائەت قالايمىقانلىشىش سەۋەبىدىن ئاسانلا روھىي كەيپىياتى ناچارلىشىدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارغا تەتىللىك تۇرمۇشىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، مەسىلەن، چېنىقىش، ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش، كىتاب ئوقۇش قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپى بېرىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ