«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4 - تومىنىڭ كۆپ خىل تىل - يېزىق نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2023.06.12 15:42 مەنبە: خەلق تورى

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4 - تومىنىڭ فىرانسۇز تىل - يېزىقى، رۇس تىل - يېزىقى، ئەرەب تىل - يېزىقى، ئىسپان تىل - يېزىقى، پورتۇگال تىل - يېزىقى، گېرمان تىل - يېزىقى، ياپون تىل - يېزىقى ھەم جۇڭگو تىل - يېزىقى فەنتى نۇسخىسىدىن ئىبارەت سەككىز خىل تىل - يېزىقتىكى نۇسخىسى يېقىندا چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا تارقىتىلدى.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4 - تومىنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى (گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ تەھرىرلىگەن بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2020 - يىلى 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 2022 - يىلى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، سۆھبىتى، نۇتقى، تەبرىك سۆزى، يوليورۇقى، تەبرىك خېتى قاتارلىقلاردىن 109 پارچىسى كىرگۈزۈلگەن، يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2020 - يىلى 1 - ئايدىن بۇيانقى 45 پارچە سۈرىتى كىرگۈزۈلگەن. پۈتۈن كىتاب 21 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان، تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جانلىق خاتىرىلەنگەن، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان، پارتىيەمىزنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوشقان ئەڭ يېڭى تۆھپىسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېڭى مەنزىل ئاچقانلىقى، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان نوپۇزلۇق ئەسەر.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4 - تومىنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى، ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسى 2022 - يىلى 7 - ئايدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4 - تومىنىڭ كۆپ تىل نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ۋاقتىدا چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقى، كەلگۈسىدە قانداق قىلغاندا داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو يولى، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى، جۇڭگو داۋلىسىغا بولغان چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ