مۇھىم خەۋەرلەر

300 مىڭ يۈەن خەجلىسە مېسسى كېلىپ ھاراق تۇتىدۇ؟ @تىنچ بېيجىڭ ئەسكەرتىشى ـ ـ

2023.06.06 13:05 مەنبە: خەلق تورى

  6-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى مىكرو بلوگىدا، «بىر ئادەم 300 مىڭ يۈەن تاپشۇرسا، مېسسى ھاراق تۇتقىلى كېلىدۇ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشكە بولىدۇ» دېگەن يالغان خەۋەرگە رەددىيە بەردى.

  ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مېسسى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنى باشلاپ بېيجىڭدا ئاۋسترالىيە بىلەن بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىكەن.

  6-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ بېلىتى تۇنجى قېتىم سېتىلغان، ئالتە دەرىجىلىك بېلەت ( 580 يۈەن، 1380 يۈەن، 2800 يۈەن، 3200 يۈەن، 3800 يۈەن، 4800 يۈەن) نىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ