مۇھىم خەۋەرلەر

«شېنجوۋ-15» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلۈمچىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى

«شېنجوۋ-15» ناملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازاندى

2023.06.06 01:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 6 دىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە، «شېنجوۋ-15» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلمىسى «شەرق شامىلى» قونۇش مەيدانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى، نەق مەيداندىكى تېببىي نازارەت، تېببىي كاپالەت خادىملىرى ئالەم ئۇچقۇچىسى فېي جۈنلۇڭ، دېڭ چىڭمىڭ، جاڭ لۇلارنىڭ بەدەن ھالىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى، «شېنجوۋ-15» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

  سائەت 5 تىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇچۇش تەرتىپى بويىچە، «شېنجوۋ-15» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئوربىتا بۆلۈمچىسى بىلەن قايتىش بۆلۈمچىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلدى. ئارقىدىن ئالەم كېمىسى تورمۇز ماتورىغا قايتىپ ئوت ياقتى، قايتىش بۆلمىسى بىلەن ئىتتىرىش بۆلمىسى ئايرىلدى، قايتىش بۆلمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى، ئىزدەش، قۇتقۇزۇش، قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىزدەش، قۇتقۇزۇش شۆبە ئەترىتى نىشاننى ۋاقتىدا بايقىدى ھەمدە قونۇش نەق مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. قايتىش بۆلۈمچىسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلغاندىن كېيىن، داۋالاش، نازارەت قىلىش خادىملىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى جەزملەشتۈردى.

  «شېنجوۋ-15» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى 2022-يىل 11-ئاينىڭ 29-كۈنى جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلگەن، ئارقىدىن تيەنخې يادرولۇق بۆلمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ بىرىكمە گەۋدە ھاسىل قىلىنغان. ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئوربىتىدا تۇرغان مەزگىلدە، نۇرغۇن بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبىلىرىنى تاماملىدى، تۆت قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىپ پائالىيەت قىلدى، بۆلۈمچە سىرتىدىكى كېڭەيتىلگەن پومپا گۇرۇپپىسىنى قۇراشتۇرۇش، بۆلۈمچىدىن ھالقىغان كابېلنى قۇراشتۇرۇش، ئۇلاش، بۆلۈمچە سىرتىدىكى يۈكنى ئاشكارىلاش سۇپىسىنىڭ تىرەك دەستىسىنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، ئالەم پونكىتىنىڭ كۆپ قېتىملىق يۈكنى بۆلۈمچىدىن چىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىغا ماسلىشىپ، كېيىنكى كەڭ كۆلەملىك بۆلۈمچە سىرتىدىكى ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا تەجرىبىسىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشقا ئاساس سالدى.

  ھازىرغا قەدەر ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندىكى ئوتتۇرىچە يېشى ئەڭ چوڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئايرىم ئولتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ بۆلۈمچىدىن چىقىش ھەرىكەت قېتىم سانى رېكورتىنى يېڭىلاپلا قالماي، يەنە جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلغان تارىخىي پەيتىگە گۇۋاھ بولدى.

  «شېنجوۋ-15» نىڭ ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭغا ئامان-ئېسەن يېتىپ كەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ