مۇھىم خەۋەرلەر

ئۈچ شەخسىي ماشىنا بىرلىكتە قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتتى! قاتناش ساقچىسى بۇلارغا جازا كەچۈرۈم قىلدى

2023.06.05 11:06 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا جېجياڭنىڭ جياشىڭدىكى بىر تۆت كوچا ئېغىزىدا ئۈچ شەخسىي ماشىنا قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتتى. قاتناش ساقچىسى بۇ قىلمىشنى جازالىماستىن بەلكى تەقدىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ زادى قانداق ئىش؟

  5-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ سائەت 7 لەر ئەتراپىدا، خەينىڭ 525-دۆلەت يولىنىڭ خەيچاۋ يولى كېسىشىش ئېغىزىدا، بىر چىراق يېقىپ، سىگنال بىرىپ كېلىۋاتقان ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى قارا رەڭلىك پىكاپنىڭ يول باشلىشى بېلەن، تېز سۈرئەتتە ئوت كەتكەن جايغا قاراپ ماڭدى.

  بۇ ۋاقىتتا، يول ئېغىزىدىكى سولغا بۇرۇلۇش سىگنال چىرىغى قىزىل رەڭدە بولۇپ، ئالدى تەرەپتە يول يۈرۈشنى ساقلاۋاتقان ئىككى شەخسىي ماشىنا سولغا بۇرۇلۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىغا يول بوشىىتىپ بەردى. قارا رەڭلىك يول باشلاۋاتقان پىكاپ ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى يول ئېغىزىدىن تېز سۈرئەتتە ئۆتتى.

  ـ تېز ماڭا ئەگىشىڭ! قارا رەڭلىك پىكاپ شوپۇرى ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىنى ئۆزىگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىشارەت قىلدى.

  ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىغا شەخسىي ماشىنىنىڭ يول باشلىشى ھاجەتمۇ؟

  ـ ئولتۇراق رايوننىڭ غەربىي دەرۋازىسغا ئېگىزلىك چەكلەنگەن، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى كىرەلمەيدۇ، مەن دەرھال ماشىنا ھەيدەپ ئۇلارنى ئەگەشتۈرۈپ، ئولتۇراق رايوننىڭ يەنە بىر ئىشىكىدىن باشلاپ كىردىم، دېدى قارا رەڭلىك ماشىنا شوپۇرى جۇ چېنجيې.

  ـ يول ئېغىزىدا ئىككى ماشىنىمۇ دەل ۋاقتىدا بىزگە يول بىرىپ، قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرىشىمىزگە تۈرتكە بولدى، ئۇلارغا رەھمەت، دېدى ئۇ يەنە.

  ئەھۋالنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، قاتناش ساقچىلىرى يۈننەن S95Q69، شەندۇڭ HJP935 ۋە جېجياڭ F6655V دىن ئىبارەت ئۈچ شەخسىي ماشىنىنىڭ قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش قىلمىشىغا جازانى كەچۈرۈم قىلدى.

  ھاياتلىق يولىنى بوشىتىپ بەرگەن ئۈچ ماشىنا ئىگىسىگە ئالقىش ياڭرىتايلى!

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ