مۇھىم خەۋەرلەر

تۈر كېڭەيتىش پىدائىيلىرى ئاشكارا قوبۇل قىلىنىدۇ؟ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى جىددىي بايانات ئېلان قىلدى

2023.06.05 11:04 مەنبە: خەلق تورى

  6-ئاينىڭ 2-كۈنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تور بېكىتى جىددىي بايانات ئېلان قىلدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: يېقىندا، بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ نامىدا ساختا ھۆججەت ياساپ، يالغاندىن سەئۇدى ئەرەبىستانى ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى كەلگۈسى شەھىرى تۈرىنى كېڭەيتىش پىدائىيلىرىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ھەمدە قوبۇل قىلىنغۇچىلاردىن كىملىكنىڭ رەسىمى، بانكا كارتىسى ئۇچۇرى قاتارلىق سەزگۈر مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.

  مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئىدارىسى جىىدىي بايانات ئېلان قىلىدۇكى، مەزكۇر ئىدارە ئەزەلدىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ باقمىدى، ھۆججەت چىقىرىپمۇ باقمىدى. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئىدارىنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، تامغا ئويدۇرۇپ، ھۆججەت چىقىرىپ ئىدارىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان باشقا قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قارىتا، ئىدارىمىز قانۇن بويىچە قانۇنىي جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.

  ھەرقايسى ئورۇن-كارخانىلار ۋە كەڭ ئاممىنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىنى سورايمىز. ئەگەر بۇنداق ئەھۋالنى بايقىساڭلار، ۋاقتىدا ج خ تارماقلىرىغا دېلو مەلۇم قىلىڭلار.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ