مۇھىم خەۋەرلەر

بۇ يىل تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 50 مىليارد پارچىگە يەتتى

2023.06.05 10:16 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ دۆلەت پوچتا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 50 مىليارد پارچىگە يېتىپ، 2019-يىلىدىكى 50 مىليارد پارچىگە يېتىش ۋاقتىدىن 155 كۈن بۇرۇن بولغان، 2022-يىلىدىكىدىن 27 كۈن ئالدىغا سۈرۈلگەن؛ 2022-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېز يەتكۈزۈش مىقدارى 78.3 پارچىگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1.6 پارچە كۆپ بولغان.

  تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 39 كۈندە 10 مىليارد پارچىدىن، بەش ئايدا 50 مىليارد پارچىدىن ئېشىپ، ھەر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن «100 مىليارد دەرىجىلىك» ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېلىمىز پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ كۈچلۈك ئېشىشى ۋە تەرەققىيات ئېلاستىكىلىقىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا ئېلىمىز ئىستېمال بازىرى ئېھتىياجىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تېزلىتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھاياتىي كۈچكە تولۇش ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  بۇ يىلدىن بۇيان، پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنى تۇتاشتۇرۇش، تور ۋە تور سىرتىنى تۇتاشتۇرۇش، ئىچكى-تاشقى ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە راۋانلىققا كاپالەتلىك قىلىش رولىنى خېلى ياخشى جارى قىلدۇردى.

  نۆۋەتتە، ئاساسلىق داڭلىق ماركىلىق يەتكۈزۈش كارخانىلىرى رەقەملەشكەن تىجارەت سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئۇلاپ توشۇش ۋە يەتكۈزۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئادەم كۈچى، ئاپتوموبىل ۋە ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كۈچى قاتارلىق بايلىقلارنى پائال تەڭشەپ، تولۇق ئاپتوماتىك ئايرىش، ئادەمسىز ئامبار، ئادەمسىز ئاپتوموبىل، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرمەكتە.

  

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ