مۇھىم خەۋەرلەر

لۈ XXنىڭ قىلمىشى ئىنتايىن قەبىھ بولۇپ، ئۆمۈرۋايەت كىرىشى چەكلەندى

2023.06.01 10:50 مەنبە: خەلق تورى

  چېڭدۇ مۈشۈكئېيىق كۆپەيتىش تەتقىقات بازىسىنىڭ 30-چېسلادىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا،5-ئاينىڭ 29-كۈنى، لۈ XX (ئەر، 30 ياش) چېڭدۇ مۈشۈكئېيىق كۆپەيتىش تەتقىقات بازىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ مۈشۈكئېيىق بازىسى دېيىلىدۇ) نى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، 1-نومۇرلۇق مۈشۈكئېيىق داچىسىنىڭ سىرتىدىكى پائالىيەت مەيدانىدىكى بىر چوڭ مۈشۈكئېيىققا مىنېرال سۇ چاچقان.

  2023-يىلىدىن بۇيان، مۈشۈكېيىق بازىسى كۆپ قېتىم مۈشۈكئېيىققا سۇ چېچىش قاتارلىق مەدەنىيەتسىز قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مۈشۈكئېيىقنى مەدەنىي ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئاسراشنى تەشەببۇس قىلدى. لۈ XX يەنىلا مۈشۈكئېيىق بازىسىنىڭ مەدەنىي ئېكسكۇرسىيە قىلىش بەلگىلىمىسىگە، ھەرقايسى تاراتقۇلار، مۈشۈكئېيىق مەستانىلىرىنىڭ مەدەنىي تەشەببۇسى ۋە ئەسكەرتىشىگە پىسەنت قىلماي، قەستەن سۇ چېچىپ مۈشۈكئېيىقنى چۆچۈتۈۋەتكەن، قىلمىشى ئىنتايىن قەبىھ بولغان، مۈشۈكئېيىق بازىسى ئۇنىڭ ئۆمۈرۋايەت باغچا رايونىغا (مۈشۈكئېيىق جىلغىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشىنى چەكلىگەن.

  باققۇچىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە كۆزىتىشى ئارقىلىق بۇ مۈشۈكئېيىقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ نورماللىقى بايقالدى. مۈشۈكئېيىق بازىسى ھەربىر مۈشۈكئېيىقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ