مۇھىم خەۋەرلەر

«مەن نەۋرەمگە پۇل ئەۋەتىمەن، قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى! » بانكا خادىمى كەسكىنلىك بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلدى

2023.05.26 14:43 مەنبە: خەلق تورى

  «مەن نەۋرەمگە پۇل ئەۋەتىمەن، قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى!» يېقىندا،چاۋياڭ رايونىدىكى بىر موماي ئالدىراپ-تېنەپ بانكىغا كېلىپ، چەت ئەلدىكى نەۋرىسىگە 80 مىڭ يۈەن يۆتكەپ بەرمەكچى بولغان. بانكا خادىملىرى ئىشنىڭ غەلىتە ئىكەنلىكىنى سېزىپ، كەسكىنلىك بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلغان. تەھلىل قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ موماينىڭ «تونۇش ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋېلىش» تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن.

  چاۋياڭ ج خ شۆبە ئىدارىسى ئولىمپىك كەنتى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى بانكىنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، موماينىڭ ئەتىگەندە چېگرا سىرتىدىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلغانلىقى، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى موماينىڭ نەۋرىسى ئىكەنلىكىنى، چەت ئەلدە ھاراق ئىچىپ ئادەم ئۇرغانلىقتىن، 80 مىڭ يۈەن يارىشىش پۇلىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، بولمىسا تۈرمىگە كىرىدىغانلىقىنى ئىگىلىگەن.

  موماينىڭ نەۋرىسى ھەقىقەتەن چەت ئەلدە ئىدى، بالىنىڭ ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلاپ، موماي ئىنتايىن تىت-تىت بولۇپ، ئامانەت كىنىشكىسىنى ئېلىپ بانكىغا كىرىپ، قارشى تەرەپكە پۇل ئۇرۇپ بېرىشتە چىڭ تۇرغان. لېكىن بانكا خادىملىرى موماينىڭ پۇل پېرېۋوت قىلىشنى تەلەپ قىلغان ھېساباتىنىڭ گۇاڭدۇڭدا ئىكەنلىكىنى، چېگرا سىرتىدىكى ھېسابات ئەمەسلىكىنى بايقىغان.

  «سىز تېلېفون قىلغان بولسىلا چوقۇم نەۋرىڭىز ئىكەنلىكىنى قانداق جەزملەشتۈرىسىز؟ » دەپ سورىشىغا، «چوقۇم نەۋرەم شۇ، چۈنكى ئۇ ھازىر قاماقخانىدا» دېدى موماي جاۋاب بېرىپ، «ئەگەر ئۇ راست قاماقخانىدا بولسا، سىزگە تېلېفون قىلالمايتتى ھەدە». ساقچىلار ۋە بانكا خادىملىرىنىڭ تەسەللى بېرىشى بىلەن موماينىڭ كەيپىياتى تەدرىجىي تۇراقلاشقان. ساقچىلار تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، قارشى تەرەپنىڭ موماينىڭ ئۆي تېلېفونى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى، يەنە موماينىڭ پاراڭلاشقان ئىشلىرىنى مەخپىي تۇتۇشىنى، «ئاپام بىلەن دادام بىلىپ قالمىسۇن» دەپ تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلگەن.

  ساقچى ئاڭلىغانسېرى بىنورمال ھېس قىلىپ، ھەقىقەتنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئۇ موماي بىلەن بىللە ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر نەچچە نومۇرغا تېلېفون قايتۇرغان، ھەممىسى توختاپ قالغان، ئېتىك ۋە ئۇلانمىغان. چاۋياڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، نۆۋەتتىكى ئەھۋال بىلەن «تونۇش ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋېلىش» تۈرىدىكى تېلېگراف ئالدامچىلىقى ئەھۋالى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن، ياشانغانلارنىڭ تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن، نەسىھەت قىلىپ توسۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ زىياندىن ساقلىنىش كېرەك دەپ تەكلىپ بەرگەن.

  ساقچىلار موماينىڭ قىزى بىلەن ئالاقىلاشقان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق موماينىڭ نەۋرىسىنىڭ ۋەتەنگە قايتىدىغان ئايروپىلاندا ئىكەنلىكى، ھازىر يان تېلېفونىنىڭ ئۇچۇش ھالىتىدە ئىكەنلىكى، ھاياتىغا خەۋپ يەتمەيدىغانلىقى ئېنىقلانغان. شۇ ۋاقىتتا، موماي ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلغان، بانكىمۇ ھېسابات يۆتكەشنى توختىتىپ، مال-مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلمىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ