مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى جىددىي بايانات ئېلان قىلدى

2023.05.26 14:39 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، ئۆزىنى «دۆلەت كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» دەپ ئاتىۋالغان بەزى تەشكىلات ۋە شەخسلەر ناھىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ناملار بىلەن يالغان ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى. ھەتتا توردا يىغىن ئېچىپ، «ھەربىر شەھەر، ناھىيەنىڭ 1 مىليارد يۈەندىن 10 مىليارد يۈەنگىچە ھۆكۈمەت ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىمىز»، «ئالاھىدە مىسال سۈپىتىدە كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچۈيتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ مەبلەغ قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز» دېگەندەك ئالاقىدار ئالدامچىلىق بايانلىرىنى تەشۋىق قىلدى. ناھىيەنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ خىزمەت تەرتىپىگە كاشىلا قىلدى.

  بۇ يەردە بىز شۇنى جىددىي جاكارلايمىزكى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۇنداق ئالاقىدار ئاپپارات يوق، كومىتېتىمىز بۇنىڭغا ئوخشاش مەخسۇس ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى تەسىس قىلىپ باقمىدى، ئەزەلدىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ باقمىدى. جايلار ۋە بازار ئاساسىي گەۋدىلىرى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئەگەر زىيان كېلىپ چىققان بولسا، ۋاقتىدا ج خ تارماقلىرىغا دېلو يىپ ئۇچىنى پاش قىلساڭلار بولىدۇ.

  ئالاھىدە بايانات ئېلان قىلىندى

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە پىلان مەھكىمىسى

  2023ـ يىل 5- ئاينىڭ 24-كۈنى

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ