مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەتنىڭ ئىككى تارمىقى بىرلىكتە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسىنى بېسىپ تارقاتتى

2021.11.30 21:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن ئۇدا بەھرىمەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى ئىشخانىسى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا بىرلىكتە «ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى، توردا ۋە تور سىرتىدا ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى، بېجىرىش تەرتىپى، ئالاقىدار تەمىناتلارنى جىپسىلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  چارىدە يەنە يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش تەمىناتىنى جىپسىلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى: بىرىنچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان سۇغۇرتىلانغۇچىلار يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى ھەق تاپشۇرۇشنى ئۈچ ئاي (ئۈچ ئاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئاز ئۈزۈپ قويغان بولسا، يۆتكەپ كېلىنگەن جايدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ، پۇل تاپشۇرغان شۇ كۈنىلا يۆتكەپ كېلىنگەن جايدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۈزۈلۈپ قالغان مەزگىلدىكى تەمىناتتىن سۈرۈشتۈرۈپ بەھرىمەن بولۇشقا بولىدۇ؛ ئىككىنچى، ئۇدا ئىككى يىل (ئىككى يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن يۇقىرى سۇغۇرتىلانغۇچىلار ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق شەخسىي ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارىسىدا سۇغۇرتىلىنىش مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتكەن بولسا، ھەق تاپشۇرۇشنى ئۈچ ئاي (ئۈچ ئاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن ئۈزۈپ قويغانلار يۆتكەپ كېلىنگەن جايدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ، ھەق تاپشۇرغان شۇ كۈنىلا يۆتكەپ كېلىنگەن جايدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۈزۈلۈپ قالغان مەزگىلدىكى تەمىناتتىن سۈرۈشتۈرۈپ بەھرىمەن بولۇشقا بولىدۇ؛ ئۈچىنچى، غەملىگۈچى رايونلار ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەق تاپشۇرۇشنى ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ئۈزۈپ قويغانلارغا ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمىگەن تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش مەزگىلى تەسىس قىلسا بولىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، چارىدە يەنە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۆتكەپ كېلىنگەن جايدا ئۇلاپ داۋاملاشتۇرۇشنى تاماملاشتىن بۇرۇن، يۆتكەپ چىقىرىلغان جايدا سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ساقلاپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىش ھەم ئۇلارنىڭ بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرۇشى ۋە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك. يۆتكەپ ئۇلاپ بولۇنغاندىن كېيىن، يۆتكەپ چىقىرىلغان جايدىكى سۇغۇرتىغا قاتنىشىش مۇناسىۋىتى ئاپتوماتىك ئاخىرلىشىدۇ.

  سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، چارىدە سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى توردا ياكى تور سىرتىدا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. يۆتكەپ چىقىرىلىدىغان جاي ۋە يۆتكەپ كىرگۈزۈلىدىغان جايدىكى بېجىرگۈچى ئاپپاراتلارنىڭ ھەممىسى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر سۇپىسىنى تورغا چىقارغان ھەمدە يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش كەسپىنى توردا بېجىرىش يوللىرىنى ئاچقان بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچى دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ باش بېتىنىڭ ئاستىدىكى يەرلىك تور زالى كىرىش ئېغىزى ئارقىلىق ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ، يۆتكەپ كېلىنىدىغان جاي ياكى يۆتكەپ چىقىرىلىدىغان جايدىكى بېجىرگۈچى ئاپپارات كۆزنىكىدە ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ