شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۇكرائىنا زۇڭلىسى شمېگار ئۇكرائىنا ئالىي راداغا ئۇكرائىنانىڭ زۇڭلىسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش خېتىنى تاپشۇردى.
شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى ھازىرقى ئىقتىساد ئىشلىرىغا مەسئۇل 1-مۇئاۋىن زۇڭلى يۇلىئا سۋىرىدېنكو ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ھەمدە ھۆكۈمەت خىزمىتىنى زور دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.