لى چياڭ مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى بىلەن كۆرۈشتى

2025.07.14 13:02 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ قاھىرەدە مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى

گېزىتىمىز، قاھىرە، 7-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگىراممىسى، شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ قاھىرەدە مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى بىلەن كۆرۈشتى.

لى چياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ سېسىغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-مىسىر مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، كېلەر يىلىدىكى جۇڭگو-مىسىر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قەتئىي قوللىشىپ، جۇڭگو-مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو-مىسىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ سىجىل ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ.

لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش رامكىسىدا، ئىقتىساد-سودا، پۇل مۇئامىلە، ياسىمىچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، پەن-تېخنىكا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي كۈچى بار تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى مىسىرغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى خالايدۇ. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋالغۇش كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، قالايمىقانچىلىق كۆپىيىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا رايونلىرىدىكى توقۇنۇش، تالاش-تارتىشلار ئۇزاققا سوزۇلۇپ ھەل بولمايۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، غەززە رايونىدىكى ئۇرۇش ئوتىنى تېزدىن تىنچىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى تۈگىتىپ، توقۇنۇشنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق مەزگىللىك ھەل قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان دۇنياۋىلىشىشىنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىشنى، جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

سېسى لى چياڭ ئارقىلىق رەئىس شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى. سېسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو مىسىرنىڭ سەمىمىي دوستى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان باشتىن-ئاخىر مۇقىم، ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، مىسىر بىلەن جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزدى. مىسىر تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد-سودا، سېلىنما، يېڭى ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. مىسىر تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مىسىر بازىرىغا كىرىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى خالايدۇ. مىسىر تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار دۇنياۋى تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ