ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 7-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدا ئامېرىكىنىڭ سابىق مالىيە مىنىستىرى پاۋلسون بىلەن كۆرۈشتى.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىندا، رەئىس شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، ئىككى دۆلەتكە بەخت يارىتىدۇ، دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو نۆۋەتتە داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق ئامىلى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان مۇھىم ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممسىىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. پاۋلسون فوند جەمئىيىتى ۋە ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز.
پاۋلسون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، ئىككى تەرەپ ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.