مۇھىم خەۋەرلەر

چەت ئەل تاراتقۇلىرى: شىۋېتسىيە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئوفىتسېرلارنى قايتۇرۇپ كېلىش يېشىنىڭ يۇقىرى چېكىنى 47 ياشتىن 70 ياشقا ئۆستۈرۈشنى ئويلىشىۋاتىدۇ

2025.07.16 15:03 مەنبە: خەلق تورى

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى بېكىتىپ قانات يايدۇرغان بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى تەكلىپتە، شىۋېتسىيە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئوفىتسېرلارنى قايتۇرۇپ كېلىش يېشىنىڭ يۇقىرى چېكىنى 47 ياشتىن 70 ياشقا ئۆستۈرۈشى كېرەك، دېگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تەكشۈرگۈچىلەر دوكلاتتا مۇنداق بىلدۈرگەن: «شىۋېتسىيە قوراللىق قىسىمىنىڭ ئوفىتسېرلارغا بولغان ئېھتىياجى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىشنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. مەيلى قانداق ئېھتىيات ھالىتىدە بولسۇن، بۇ ئۇزارتىش بەلگىلىمىسى ئىلگىرى كەسپىي ئوفىتسېر ياكى زاپاس ئوفىتسېر بولغان خادىملارغىمۇ تەتبىقلىنىدۇ.»

شىۋېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى جونسون 7-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ تەكلىپلەر تەكشۈرۈشكە سۇنۇلىدۇ، 2026-يىلىنىڭ بېشىدا پارلامېنتقا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى تاپشۇرۇشتىن ئۈمىد بار. ئەگەر تەستىقلانسا، يېشى 70تىن ئاشمىغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئوفىتسېرلارنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا قايتۇرۇپ كېلىنىپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ