مۇھىم خەۋەرلەر

كانادا ۋېستجېت ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ موتورىغا ئوت كەتتى

2025.07.14 13:43 مەنبە: خەلق تورى

كانادا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئامېرىكىدىن ئۇچقان كانادا ۋېستجېت ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ موتورىغا ئوت كەتكەن، كانادا تەرەپنىڭ تەكشۈرۈش خادىملىرى ۋانكۇۋېر خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ئەۋەتىلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋېستجېت ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ باياناتچىسى بۇ ئايروپىلان ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ تامپادىن ئۇچۇپ كېلىپ قونغاندىن كېيىن، بىر موتورنىڭ «كىچىك تىپتىكى گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىغا ئوت كەتكەن».

ئۇ مۇنداق دېدى: شۇ ۋاقىتتا ئايروپىلاندا يەنىلا تەخمىنەن 50 يولۇچى بار ئىدى، ئايروپىلان خادىملىرى يەللىك تارقاقلاشتۇرۇش سىيرىلما شوتىسى بىلەن ئۇلارنى بىخەتەر جايغا يۆتكىدى، ھېچكىم يارىلانمىدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ