لى چياڭ قاھىرەگە يېتىپ بېرىپ مىسىردىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى

2025.07.10 15:24 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مىسىر زۇڭلىسى مەدبۇلىنىڭ تەكلىپى بىلەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ھۆددە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قاھىرە خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بېرىپ، مىسىردىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. مىسىر زۇڭلىسى مەدبۇلى ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى باشلاپ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى، ئايرودۇرۇمدا زۇڭلى لى چياڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

مىسىر زۇڭلىسى مەدبۇلىنىڭ تەكلىپى بىلەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 7-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ھۆددە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قاھىرە خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بېرىپ، مىسىردىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى.

مىسىر زۇڭلىسى مەدبۇلى ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى باشلاپ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى، ئايرودۇرۇمدا زۇڭلى لى چياڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. لى چياڭ مەدبۇلىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى. جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لياۋ لىچياڭمۇ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن مىسىر ئوخشاشلا مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىنى قوللايدىغان يېقىن دوست، تەقدىرداش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ سېسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-مىسىر مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقى قويۇق، كۈچلۈك بولدى، تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىش، بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ئۈلگىسىنى تىكلىدى. بۇلتۇر، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى قېتىم ئۇچرىشىپ، يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو-مىسىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، جۇڭگو-مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى. ھازىر دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان، تۈرلۈك خىرىسلار ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلۈۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو بىلەن مىسىر يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداپ، تىنچلىق، گۈللىنىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، مىسىرنىڭ ئۆز تەرەققىياتى ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال كۈچ قوشىدۇ.

لى چياڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 17-قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن قاھىرەگە يېتىپ باردى. رىئودې ژانېيرودىن ئايرىلىدىغان چاغدا، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى ۋەكىلى ۋە جۇڭگونىڭ بىرازىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جۇ چىڭچياۋ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ