جاۋ لېجى چىڭخەيدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق چېكى ۋە تەرتىپ بويىچە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەش كېرەك

2025.07.10 15:20 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىنىڭ، 7-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە چىڭخەيدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلىپى ۋە 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

جاۋ لېجى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىنىڭ، خەيدۇڭغا كېلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقە ئىشخانىسى، كارخانا، يېزا-كەنت قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى؛ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئورگان كادىرلىرىنى يوقلىدى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

جاۋ لېجى مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مۇھىم سىياسەت-فاڭجېنلىرى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چىڭخەيدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دىققەتنى چىڭخەينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتدىن ئىبارەت بۇ «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ياخشى قوغداشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئۈچ دەريا مەنبەسىدىن ئىبارەت بۇ «جۇڭخۇا سۇ مۇنارى»نى ياخشى قوغدىشى كېرەك.

جاۋ لېجى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى پۇختا خەلق رايى ئاساسىغا قويۇش كېرەك. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ۋەكىللەر قانۇنىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە، تەرتىپلىك، قېلىپلاشتۇرۇپ ئادا قىلىشىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلىشى كېرەك، بۇ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى ۋە ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئاساسى.

جاۋ لېجى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئەمەل قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىش كېرەك. نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نىزام چىقىرىش سۈپەت ئۆتكىلىنى ھەقىقىي ياخشى ئىگىلەش كېرەك. يەرلىك نىزام چىقىرىشتا زىت كەلمەسلىك، خاسلىققا، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، نىزام چىقىرىشنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى ― توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىشتا. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نازارەتچىلىك قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە يولغا قويۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن نازارەتچىلىك شەكلىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جاۋ لېجى مۇنداق تەكىتلىدى:«تۆت ئورگان»نىڭ ئورۇن تەلىپى بويىچە، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ